جاڭ چېنياڭ:
ساداقەتمەنلىك بىلەن تىنچ ـ ئامانلىقنى ساقلايمەن
□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
بىر قېتىملىق زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قورشاپ يوقىتىش كۈرىشىدە، جاڭ چېنياڭ پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى تۇتۇۋېلىپ تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا، قاتتىق پارتلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، سول قولى پۈتۈنلەي ئوت ئىچىدە قالدى، ئۇ ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ، باشقا سەپداشلىرىنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن، قورال ـ ياراغلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سوغۇققانلىق بىلەن «بىرى يارىلاندى» دەپ دوكلات قىلدى. مۇشۇنداق قەيسەر كىشى ھالبۇكى كېسەل كارىۋىتىدا دوختۇردىن تاكى ئېسىنى يوقاتقانغا قەدەر: «قولۇمنى كېسىۋەتمەڭلار، مەن يەنە قورال تۇتىمەن...» دەپ قايتا ـ قايتا ئۆتۈندى.
جاڭ چېنياڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتى 5 ـ چوڭ ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى بولۇپ، 2010 ـ يىلى 1 ـ ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا كىرگەن. 2015 ـ يىلى بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا قۇربان بېرىشتىن قورقماي، باتۇر، قەيسەر بولۇپ، شەرەپ بىلەن شەخسلەر بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.
ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ ساقچى روھىنى تاۋلاش
10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەن جاڭ چېنياڭ يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتاتتى. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، «مەن ھازىر بىر قولۇم بىلەن ئۇزۇن ـ قىسقا قوراللارنى ئېتىش ۋە ئوقداننى ئالماشتۇرۇشنى مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان بولدۇم» دېدى جاڭ چېنياڭ ئۆزىنىڭ يارىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا كۈلۈپ تۇرۇپ.
بۇ ئاددىيغىنا بىر جۈملە سۆزنىڭ ئارقىسىغا جاڭ چېنياڭنىڭ سانسىز قېتىم ئاققۇزغان قان ـ تەرى مۇجەسسەملەنگەن.
يارىلانغاندىن كېيىن، جاڭ چېنياڭ چوڭ ـ كىچىك ئالتە قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى باشتىن كەچۈردى، سول قولىنىڭ پۈتۈن باش بارمىقى ۋە ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىدىكى سۆڭەك بوغۇمى ھەم ئالقىنىدىكى بىر قىسىم مۇسكۇل توقۇلمىسى كېسىۋېتىلدى.
«يارىلىنىپ ئەترەتكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ مەشىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى، ھەتتا قوشۇپ مەشىق قىلدى، بىزنىڭ قاراپ ئىچىمىز ئاغرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئېغىزىمىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق، يارىلانغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرسەك تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇنىڭغا يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قويغاندىلا، ئاندىن كۆڭلىنىڭ ئەمىن تاپىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتى 1 ـ چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جېڭ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىنىڭ قارىغا ئېتىش مەشىق يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جاڭ چېنياڭ قارىغا ئېتىش مەشىقى قىلغاندا مەن ئىزچىل يېنىدا بولدۇم.
«قولىغا داكا يۆگەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قايتا ـ قايتا مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، قولى، قورال، داكىنىڭ ھەممىسى قانغا بويىلىپ كەتتى. قارىغا ئېتىشتا دەل تەگكۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قورالنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، باشقىلار مەشىقتە بىر كىلوگىرام ئېغىرلىق قوشۇپ قورال كۆتۈرسە، ئۇ ئىككى كىلوگىرام ئېغىرلىق قوشاتتى...» دېدى جېڭ يەنلۇڭ.
جاسارەتلىك بولۇپ توغرا كەيپىياتنى نامايان قىلىش
يارىلانغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش جاڭ چېنياڭنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر ـ بىرلەپ ئۆتەتتى.
بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، جاڭ چېنياڭ زەربىدارلار گۇرۇپپىسىنى باشلاپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، ئۇ بىرونېۋىكتا ئىزدەش ـ كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بىر پارتلاتقۇچ بۇيۇم قارىغا ئېتىش تۆشۈكىدىن بىرونېۋىك ئىچىگە چۈشتى.
«ئەينى چاغدا بىرونېۋىكتا سەككىز ئادەم بار ئىدى، مەن بېشىمنى چىقىرىپ كۆزىتىۋاتاتتىم، پارتلاتقۇچ بۇيۇم تاشلانغاندا، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ تاشلىۋېتىپ، تالاپەتنى ئازايتىشنىلا ئويلىدىم.» ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك، جىددىي ئىدى، جاڭ چېنياڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى تۇتۇۋېلىپلا سىرتقا ئاتتى، ئاتقان شۇ پەيتتە پارتلاتقۇچ بۇيۇم پارتلاپ كەتتى.
سول بىلىكى پارتلاشتا يارىلاندى، ئالقىنى قانغا بويالدى، جاڭ چېنياڭ يېنىدىكى قورال ـ ياراغلارنى سەپداشلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئوڭ قولى بىلەن قان توختىماي ئېقىۋاتقان سول بىلىكىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا چىقتى.
يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، دوختۇرنىڭ قولىڭىزنىڭ بارمىقىنى كېسىۋېتىش ئېھتىماللىقى بار دېگىنىنى ئاڭلىغاندا، جاڭ چېنياڭ دوختۇردىن قولىنى ساقلاپ قېلىشنى توختىماي ئۆتۈنۈپ، ئۆزىنىڭ يەنە قورال تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، نەق مەيداندىكى ھەممەيلەن قاتتىق تەسىرلەندى.
تاكى ھازىرغىچە، ئەينى چاغدىكى پارتلاتقۇچقا يولۇققان ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، جاڭ چېنياڭ ئاۋۋالقىدەكلا كەسكىن تەلەپپۇزدا: «ئۆكۈنمەيمەن، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسام، يەنىلا شۇنداق قىلىمەن» دېدى.
ئەسلىي مەقسەت ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش
جاڭ چېنياڭ مۇنداق دېدى: مەن داشۆدە تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇغان، ئەسلىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولسام بولاتتى، لېكىن نۇرغۇن ئوغۇل بالىلاردا بولىدىغان ساقچى بولۇش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالاھىدە ساقچى بولۇشقا ئىمتىھان بەردىم.
«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىسى بولۇپ، يۈكسەك بولغان خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن...» 2010 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، جاڭ چېنياڭ ئالاھىدە ساقچى بولدى ھەم شۇ تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان 2000دىن ئارتۇق ئالاھىدە ساقچىغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى. «ئەينى چاغدا ناھايىتى ھاياجانلانغانىدىم، ئېغىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلغانىدىم» دېدى ئۇ.
ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر يىلدىن كېيىن، جاڭ چېنياڭ ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتىگە قوبۇل قىلىندى. «ئەينى چاغدا ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتىگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى تارماق ئەترەتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەنلەر ئىدى، مەن بېسىم ھېس قىلىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلدىم» دېدى جاڭ چېنياڭ.
2012 ـ يىلى، جاڭ چېنياڭ تۇنجى قېتىم ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان چاغدىكى ئەھۋال ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. پىژغىرىم ئىسسىقتا 18 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى جابدۇقنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، «كىيىملىرىمىز تەردە ھۆل بولۇپ كەتتى، يەنە قۇرۇپ يەنە ھۆل بولدى، كۆپچىلىكنىڭ بەدىنىگە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كەتتى...» دېدى جاڭ چېنياڭ.
خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، جاڭ چېنياڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى.
شان ـ شەرەپ ئالدىدا جاڭ چېنياڭ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە ساقچى بولۇش مەن ئارزۇ قىلغان كەسىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا ئۆزۈمنى بېغىشلاش مېنىڭ ئۆكۈنمەس تاللىشىم».