تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

چېن ۋېيجۈن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كونترول قىلىش مەركىزىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق، تۈۋرۈكلۈك، كاپالەتلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى ئورۇننى توغرا تېپىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە چوڭ رايونىدىن ئېنېرگىيە كۈچلۈك رايونىغا تېز ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ دىققەتنى شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بازارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «14 ـ بەش يىل»دىكى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش كونترول قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مۇقىيات جارمۇقامەت قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.