تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«14 ـ بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شېن زۇشياۋ، يۈ شىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن 428 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىن 28نى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن تەخمىنەن 8400 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بەرپا قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش تۈرىگە مەركەز، ئاپتونوم رايون 2 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، 460 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى دەرسخانىنى يېڭىدىن سالدى، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سالدى. كەسپىي مائارىپ بويىچە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بەردى. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان مەكتەپ ـ كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى 29غا يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىن 14ى قۇرۇلدى.

«14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %98تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، جايلارنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ نىسبىتىنى %15تىن ئاشۇرۇپ %20كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ؛ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاسلىققا ئىگە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %98تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلايدۇ؛ كەسپىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەت تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىدىغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئالىي مائارىپنى تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت ـ پەن ـ مائارىپ مەركىزى (مائارىپ قىسمى) قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان ئىمتىھان باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ مائارىپ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتلەندۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنت مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە مائارىپ ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ چىقىمىنىڭ يىلمۇيىل ئېشىشىغا، كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى بويىچە ئوتتۇرىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ چىقىمىنىڭ يىلمۇيىل ئېشىشىغا، كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.