تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرخىللاشتۇرۇشتىن خاسلاشتۇرۇشقىچە

− شىنجاڭ نېنىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر(4)

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ رۇيلىن، گې يوۋجۈن

مەيلى قايسى ۋاقىتتا بولسۇن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭى شەھەر غەربىي قۇۋۇق كەنتىدىكى تۇرپان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندە، نانلارنىڭ مەززىلىك ھىدى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.

كەسىپلەر باغچىسىدا ھەربىر تونۇرنىڭ ئالدى ئالدىراشلىققا تولغانىدى. ھۆنەرگە پىششىق ناۋاي ئۇستاملار خېمىر يۇغۇرۇش، تۈكچە ئۇرۇش، كۈنجۈت سېپىش، نان يېقىش جەريانىدا ئۆزئارا ناھايىتى ياخشى ماسلاشقانىدى. ناھايىتى تېزلا، ھەر خىل نان مەھسۇلاتلىرى جازىغا لىققىدە تىزىۋېتىلدى.

«ئىلگىرى چوڭلارغا ئەگىشىپ يۈرۈپ نان ياقاتتۇق، ئاساسلىقى كۈنجۈت نېنى، گىردە، زاغرا نان ياقاتتۇق، كەسىپلەر باغچىسىغا كەلگەندىن كېيىن، بىز ئىشلەپچىقارغان نان مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.» 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مۇشۇ يىللاردىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، كەسىپلەر باغچىسىدىكى ناۋاي ئۇستام مۇھىبۇللا روسۇل ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى: بىزنىڭ يەرلىك قۇرۇق ئۈزۈم ئارىلاشتۇرۇپ ياققان ئۈزۈم نېنىمىز، چۈرۈك ھەم مەززىلىك مۇنەك نېنىمىز ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى».

شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى ناننى ئاساسلىقى تاماق ئۈستىلىدىلا كۆرگىلى بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەنئەنىۋى ناننى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش ھەرقايسى جايلارنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۆنىلىشىگە ئايلاندى.

سانجى پۇتاۋشۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، سۈپەتلىك يېقىلغان نانلار نەپىس سوۋغاتلىق قاپلارغا قاچىلانغان بولۇپ، كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. بۇ نانلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى 30 گىرامدىن 50 گىرامغىچە، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەم تەمى كۆپ خىل بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئاساسىي يېمەكلىكتىن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ئىستىراھەت يېمەكلىكىگە ئايلاندى.

كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىمى خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش. بىر خىللاشقان رىقابەتتىن ساقلىنىشتا، تاشقى كۆرۈنۈشتە پەرق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىچكى خاس مەزمۇنىدىمۇ پەرق بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى شۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيىتىنى پائال تۈردە نانغا سىڭدۈرۈپ، نان كەسپىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇردى.

كېرىيە ناھىيەسى گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نان مەدەنىيىتى ئىجادىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۇن لياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەت گۈلقەنت نېنى، لازا قىيامى نېنى، ياڭاق مېغىزى نېنى، پىننە قىيامى نېنى قاتارلىق خاسلىققا ئىگە نان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيىتىنى قېزىپ، ئالتە چوڭ يۈرۈشلۈك 53 خىل نان مەھسۇلاتىنى ئارقا ـ ئارقىدىن تەتقىق قىلىپ ئاچتى.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئويمىچىلىق تېخنىكىسىنى بىلىدىغان ناۋاي ئۇستام جۈمە تۇرسۇن نان يېقىش بىلەن ئويمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ نان يېقىش ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى. «كەسىپلەر باغچىسى بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا ئىلھام بەردى، مەن ئىككى ئەجدىھانىڭ مەرۋايىت ئوينىشى، گۈل ـ گىياھ، قۇش، بېلىق، ھاشارات شەكلىدىكى نانلارنى پىشۇرۇشنى سىناپ باقتىم، يەنە ئۈستىگە مىننەتدارلىق بىلدۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلىق دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتىم» دېدى جۈمە تۇرسۇن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «كىچىككىنە نان ئارقىلىق چوڭ كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، كىچىككىنە نان ئارقىلىق چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولۇش»نى نىشان قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك خام ماتېرىيال، كەسىپ ئاساسى، خاس مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 60تىن ئارتۇق نان كەسىپلەر باغچىسىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 300 خىلدىن كۆپرەك ئىستىراھەت نېنى، پېچىنە ناننى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئەنئەنىۋى ئاساسىي يېمەكلىك، ئىستىراھەت يېمەكلىكى، ساياھەت يېمەكلىكى، مودا يېمەكلىك قاتارلىق مەھسۇلات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېنى ماركىلاشقان تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئابلاجان نانلىرى، شىنجاڭ توقىچى، ياشىن نېنى، نانبەگ، گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى قاتارلىق ماركىلار شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارغا تونۇلدى؛ قەشقەر تەملىك نېنى، خوتەن نېنى، چۆچەك مەززىلىك نېنى، تۇرپان نېنى... ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ خاسلىقىغا قويۇپ بەرپا قىلغان يەرلىك ماركىلىرىمۇ تەدرىجىي بازار تاپماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ مەنبەلىشىپ تەرەققىي قىلغان نانچىلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك يېمەكلىكىنى ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن تاۋارغا ئايلاندۇردى. شىنجاڭ نېنىدىن ئىبارەت بۇ «نام كارتىسى» شىنجاڭنىڭ قالتىس ھېكايىلىرىنى ئۆزىگە يۈكلەپ دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.