تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان تىيانشاندا كېمىلەر بەيگىگە چۈشۈپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلار ئاممىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئىشەنچ ئۈستىدە سىردىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

«10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ ئون لېكسىيە سۆزلەش كىچىك ئەترىتىمىز ھەرقايسى كەنت، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى.» شايار ناھىيەسى تويبولدى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەن يەن مۇنداق دېدى: لېكسىيە سۆزلەش كىچىك ئەترەتلىرى پەن ـ تېخنىكا كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش جەريانىدا دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى، پىكىر يولىنى كېڭەيتتى، تەرەققىياتىنى كۆزلىدى.

«بۇ بەش يىلدا، كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بولدى.» 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىمەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلەت غوجىئەخمەت مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، يېڭىمەھەللە كەنتى شەھەر رايونىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئىدىقۇت رايونىدىكى ھەرقايسى كارخانا، ئورۇنلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتى، تۈركۈم ـ تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرى تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، شەھەرگە كىرىپ كەپشەرچى، توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، ئاشپەز بولدى... 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار.

ئالتاي شەھىرى سارخولىسۇن يېزىسىنىڭ كۇرتى كەنتى «دۆلەت ئورمان يېزا ـ كەنتى»، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەۋلېدبىك دەۋكېن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، كۇرتى كەنتى يول تورى قۇرۇلۇشى، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يول چىرىغى ئورنىتىش، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى تاماملاپ، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، 23 دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ھەممىسىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزگە نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەنتنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

«بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ئۇرچى يېزىسى قوشئاۋات كەنتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى شيۇڭ ۋۇجۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، قوشئاۋات كەنتى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ تەلەپلەر بويىچە، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرىمىز، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىمىز، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيمىز.

ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلتو بازىرىنىڭ سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، بەش يېزا ـ بازار، 26 كەنتتىكى 1608 ئائىلىلىك دېھقان ـ چارۋىچى تاغدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. بۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شېڭلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىمىز».

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى.» سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسى شىنفېڭ سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: 2020 ـ يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات قىممىتى 37 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولدى، كوپىراتىپقا ئەزا 365 دېھقان ـ چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 48 مىڭ يۈەن بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بىر سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىشىشقلاش زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن.

«بۇ بىرقانچە كۈندە، ئەترەت ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. كۆپچىلىك بىللە بېيىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي بېيىغان بولىدۇ. مەن بېيىش باشلامچىسى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە باشلامچىلىق بىلەن كۈچ چىقىرىمەن.» جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 7 ـ ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋ يۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: «مەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، كۆكتات پارنىكى ياساپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، ئەترەتتىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن».

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ رۇيلىن، جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ۋېيگو، گې يوۋجۈن، سۇڭ ياۋېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.