تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (4)

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

قەدىمدىن بۇيان «چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپقان؛ چېگرا رايون قالايمىقان بولسا، دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇش تەس بولغان.» شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

مۇقىملىق بولمىسا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى، شىنجاڭدا بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئىناق، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى باشتىن ـ ئاخىر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، بەخت ـ سائادەتكە مۇناسىۋەتلىك. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە، ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشتەك ئىنتايىن ياخشى مەنزىرە بارلىققا كەلدى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىغا شۇنچە موھتاج بولىمىز. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى باش نىشانغا بويسۇندۇرۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىشىمىز، ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، باشتىن ـ ئاخىر ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى شىنجاڭدا يۇرت ئامان، تۇرمۇش تىنچ ـ خاتىرجەم، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەرگىزمۇ «قورال ـ ياراغلارنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈۋېتىش»كە، «ئاتلارنى تاغقا قويۇۋېتىش»كە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىگە قارىتا، ھەرقانداق كىشى بىخۇدلۇق ۋە بىپەرۋالىق قىلسا بولمايدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن ـ ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، مۇقىملىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقىملىقنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، سىجىل ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانغان، ئۈنۈملۈك بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە پايدىلانغۇدەك پۇرسەت، تىنىۋالغۇدەك پۇرسەت، قايتا تىرىلگۈدەك پۇرسەت ۋە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك.

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، بىر قولدا زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى تۇتۇشتا، بىر قولدا كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈشتە، بىز باشتىن ـ ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.