تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئايلىق تىجارەت كىرىمى 340 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ھەم دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 341 مىليارد 312 مىليون يۈەن، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 122 مىليون يۈەن، يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج ـ ھەق 12 مىليارد 632 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنى 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %56.1، 1.2ھەسسە، %44.2 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %24.9، %48.6، %20.1 ئاشقان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى، مىقدارى سىجىل زورىيىپ، سۈپەت ئۈنۈمى سىجىل ئېشىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقى سىجىل ئىپادىلىنىپ، «مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، تېزلىتىش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 16 خەلق ئىگىلىكى ساھەسى چوڭ تۈرى ئىچىدە %60تىن ئارتۇق ساھەدە پايدا ئېلىنغان، سانائەت، سودا ۋە بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ پايدىسى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان، 2 ـ كەسىپنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى بىرقەدەر چوڭ بولغان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايوندىكى شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىدىغان ـ باشقۇرىدىغان كارخانىلار ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.5 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %24.3 ئېشىپ، ئۇدا توققۇز ئاي ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان؛ پايدىسى 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆت ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.2 ھەسسە ئېشىپ، ئۈنۈم سەۋىيەسى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەن. 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 73 مىليارد 213 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ ئېشىش كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەن. 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ئومۇمىي ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %93كە يەتكەن؛ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %94كە يەتكەن. گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى يېرىم يىللىق دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى باھالىشىدا، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات ئۇنىۋېرسال باھاسى A دەرىجە بولغان.

دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشقان. شىنجاڭ گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىق سېلىنما (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق سېلىنما (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان، شىنجاڭ كۆكتوقاي بېيجياڭ مىڭجۇ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق بەش كارخانىنىڭ ساياھەتكە چېتىشلىق مۈلكىنى شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە ھەقسىز ئاجرىتىپ يۆتكەش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن شېرىك شىركەت قۇرۇشىغا، شىنجاڭ سىرتىدىكى كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئاقىللار ئامبىرى بايلىق سۇپىسى قۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنغان.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ تەسىر كۈچى، تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشقان. 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالتاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا، جەمئىي ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى 11 بولۇپ، چېتىلىدىغان سومما 20 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان؛ 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى، بىر قىسىم نازارەت قىلىنىدىغان ـ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلار 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، بىر قېتىمدا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 37 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بۇ، ئېنېرگىيە، ساياھەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە پاي ھوقۇقى ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.