تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) 1 تىرىليون 139 مىليارد 614 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.4 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

ئۈچ كەسىپتىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولغان، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق زور دەرىجىدە ئاشقان؛ مۇلازىمەت كەسپى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن، قاتناش ـ تىرانسپورت كەسپىنىڭ تىرەكلىك رولى گەۋدىلىك بولغان.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 324 مىليارد 371 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئاشقان. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.8 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.4 ئاشقان؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 43.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 189 مىليارد 8 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.1 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.8 ئاشقان.

ئېھتىياج نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سېلىنما، ئىستېمال ۋە ئېكسپورتنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ھەرقايسىسى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى سىجىل ئاشقان، پۇقرالار سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى زورايغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى(دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇقرالار سېلىنمىسى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %48 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 36.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.1 بولغان.

ئىستېمال بازىرى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىپ، ئەسلىگە كېلىشى 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەگە يەتكەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 256 مىليارد 123 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %24.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 44.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى كىچىك نىسبەتتە ئاشقان، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتقا تاپشۇرۇلغان مال قىممىتى بىرقەدەر تېز ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 110 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 87 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، %14.9 ئاشقان، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتقا تاپشۇرۇلغان مال قىممىتى 9 مىليارد 929 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20 ئاشقان.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى كىچىكلىگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا شەھەر ـ بازارلاردا 440 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %95.8ى ئورۇندالغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 28 مىڭ 200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشقان. شەھەر ـ بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 27 مىڭ 785 يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %7.7 بولغان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 4864 يۈەن بولۇپ، %11.5 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %10.2 بولغان. شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سېلىشتۇرمىسى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 5.84تىن 5.71گە كىچىكلىگەن.

سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ جىپسىلىشىشى ياخشى بولغان، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش قىممىتى 994 مىليارد 879 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.7 ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىش نىسبىتى %99.4 بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 931 مىليارد 747 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.9 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا 127 مىليارد 963 مىليون يۈەن بولۇپ، 1.8 ھەسسە ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %53.2 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.