تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​پارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدە يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرلار يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگەنگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېزلىكتە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە كەم - كوتسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆگىنىش لايىھەسى تۈزۈپ، ئۆگىنىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تېزدىن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، كەنت (مەھەللە)تە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پىششىق بىلىشى، چىڭ ئەستە ساقلىشى، ئاممىنىڭ تولۇق خەۋەردار بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۇرغۇغان قىزغىنلىقنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىشنى تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

تيەن شياڭلى 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يىغىن روھىنى كەڭ كۆلەمدە ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي تېپىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بولۇپمۇ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئىلمىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن ئارقىلىق قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپ، يېڭى نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سىستېمىسى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قانۇنچىللىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قانۇنچىللاشقان، دائىملاشقان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.