تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەنگە قاراشلىق رايونلاردىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قاراشلىق رايونلاردىكى بازار سۇبيېكتلىرى 200 مىڭ 600گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.94 12 ئاشقان، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.06 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.49 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان بازار سۇبيېكتى 33 مىڭ 500 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.95 34 ئاشقان، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %.09 32 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %.99 14 ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، باشقا تەستىقلىنىدىغان ئىجازەتنامىلەرنى ئازايتىشقا ۋە تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بازار ئىجازىتىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بىڭتۇەننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىڭتۇەن بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى چۇنيى مۇنداق بىلدۈردى: بىڭتۇەن بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغدايدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.