تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 9 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېلىنمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولدى، بۇ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 9 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېلىنمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

بۇنىڭ ئىچىدە، سۇچىلىق ساھەسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى تۈزەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلدى، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى خەتەر خەۋپى بايقالغان چۈشۈرگىلەردە خەۋپنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش مەخسۇس تۈر بويىچە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما يوللىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلدى، «14 - بەش يىل»دىكى شىنجاڭ سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت يېزا كەسىپلىرى يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلدى.

ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە ساھەسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش تىرەك سىستېمىسى قاتارلىق مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئاساسلىق مەدەت بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.