− شىنجاڭ نېنىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر (3)
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، خەن چىنيەن، جاڭ رۇيلىن
10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى سودا كوچىسىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، 37 ياشلىق ئوسمانجان ماھىرلىق بىلەن راسلانغان نانلارنى لېسقا تىزىپ، ئاندىن لېسنى تېمپېراتۇرىسى ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدىغان ئەگمە تونۇرغا كىرگۈزدى. تەخمىنەن 15 مىنۇتتىن كېيىن، ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشقان مەززىلىك نانلار تونۇردىن چىقتى. ئارقىدىنلا، بۇ نانلار ئوراش - قاچىلاش سېخىغا يۆتكەپ توشۇلدى.
بىڭخۇ بازىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى سانجى شەھىرى 2020 - يىلى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى. كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوسمانجان دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى، بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ نانچىلىق كەسپىگە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
ئوسمانجان ئىلگىرى كەنتتە نان ياققاندا، ئاساسلىقى ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ سېتىۋالاتتى، سودىسى ئادەتتىكىچە ئىدى. بۇلتۇر بىڭخۇ بازىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كەسىپلەر باغچىسىدا يېڭى ناۋايخانا ئاچتى. نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئوسمانجاننىڭمۇ مۇقىم زاكازلىرى بار بولدى، كۆپ بولغاندا بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان بولدى.
ئاددىي يەرلىك تونۇردىن جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىۋاتقان زامانىۋى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغىچە، بۇ كۆرۈنۈش دەل سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشكە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم باسقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلار نانچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى.
«سانجى ئوبلاستى <N+9+1> نانچىلىق كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلدى، يەنى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئوبلاست دەرىجىلىك نانچىلىق كەسپى مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن بىرنى قۇردى؛ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، باغچە رايونلىرىدا ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىقتىدارى تولۇق يۈرۈشلەشكەن، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ناھىيە دەرىجىلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىن توققۇزنى ھەمدە نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر نۇقتىسىدىن بىرقانچىنى قۇردى» دېدى سانجى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ۋەنلىن تونۇشتۇرۇپ.
ھازىرغىچە، سانجى ئوبلاستى شىنجاڭدىكى تۇنجى نانچىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازىرى (ئوبلاست دەرىجىلىك نانچىلىق كەسپى مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى)نى قۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك نان مەدەنىيىتى كەسپى باغچىسىدىن توققۇزنى قۇرۇپ، 150 خىلدىن ئارتۇق خاس نان مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كۈندىلىك نان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 4 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەككە، يىللىق سېتىش سوممىسى 2 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 25 مىڭ 400 ئادەم قېتىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
نانچىلىق كەسپىنىڭ كىچىك ھۈنەرخانىدىن كۆلەملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز «كېڭەيدى». ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەملەشكەن نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن 70كە يېقىنى قۇرۇلۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرى قەشقەر تەمى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى نان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سېخىدا، ناۋاي ئۇستام ئوسمان مەمەت توك تونۇرغا نان يېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ئىلگىرى نان ياققاندا ئوتۇن قالايدىغان ياكى كۆمۈر قالايدىغان تونۇرلارنى ئىشلىتەتتۇق، ئىستىن كۆزىمىز ئېچىشىپ كېتەتتى. يېڭى تىپتىكى تونۇرلار ئوخشىمايدۇ، مۇھىت ئاسرايدۇ، پاكىز، ئۇنىڭدا پىشقان نان تېخىمۇ يېيىشلىك» دېدى ئوسمان ھاياجانلانغان ھالدا.
ئوسماننىڭ نان يېقىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ئىلگىرى كەنتتە نان يېقىپ ئېيىغا ئاران 1000 نەچچە يۈەنلا كىرىم قىلالايتتى. بۇلتۇر 6 - ئايدا نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كىرىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئايلىق كىرىمى 3500 يۈەندىن ئاشتى.
قەشقەر ۋىلايىتىدە، «كەسىپلەر باغچىسى + تايانچ كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ناۋايخانا» كەسىپ ئەندىزىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «قەشقەر تەمى»گە ئوخشاش كۆلەملەشكەن نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن 14ى قۇرۇلدى؛ يېزا - بازارلاردا نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرەققىي قىلىپ 201گە؛ كەنتلەردە ناۋايخانا تەرەققىي قىلىپ 2300گە يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە نان يېمەكلىكى پىششىقلاش كارخانىسى تەرەققىي قىلىپ 54كە يەتتى. ھازىرغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۈندىلىك نان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 6 مىليوندىن ئېشىپ، 37 مىڭ ئادەم قېتىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار سانائەت تەپەككۇرى ئارقىلىق نانچىلىق كەسپى ۋە ئۇنىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى ھەم بۇ ئارقىلىق نانغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى سانائەتلەشتۈرۈش، سۈپەت ئەندىزىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «كىچىك نان چوڭ كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش، كىچىك نان چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولۇش» نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ شىمېن كەنتىگە جايلاشقان تۇرپان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، پاتىگۈل بارات ئېرى بىلەن تونۇر ئالدىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «1 - ئۆكتەبىر» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇۋالدى.
«كۆپ قىسىم زاكازنى توردىن ئالدۇق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن» دېدى پاتىگۈل.
بۇ يىل پاتىگۈل ئېرى بىلەن بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا بىر ناۋايخانىنى ھۆددىگە ئېلىپ، توردا، تور سىرتىدا سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك كىرىمگە ئېرىشتى.
تۇرپان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىدىقۇت رايونى ئەتراپىدىكى يېزا - بازارلاردىكى نان ياقىدىغان كىچىك ھۈنەرخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش، چوڭ تىپتىكى يېمەكلىك كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نانچىلىق كەسپىنىڭ ئائىلە ھۈنەرخانىسى شەكلىدىكى يەككە تىجارەتتىن كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى+ئەمەلىي دۇكان+ئېلېكتىرونلۇق سودا» تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، ئىشلەپچىقارغان نانلار تۇرپان شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە سېتىلىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، خۇنەن قاتارلىق جايلار ھەم بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ سېتىلدى.
«نانچىلىق كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، نانچىلىق كەسپى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىيدىغان، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەۋزەل كەسىپكە ئايلانماقتا، مەززىلىك شىنجاڭ نېنى شىنجاڭنىڭ ئەڭ خاسلىققا ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئابدۇغېنى سىدىق.