تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەيلى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر. تارىخىي پۇرسەت ھەمىشە ئازراق بىخەستەلىك قىلساقلا قولدىن كېتىپ قالىدۇ، مۇھىم، زور پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلىگەندىلا، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، بىز دۇچ كەلگەن ئالاھىدە ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور پۇرسەتنى توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ۋاقىت ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. لېكىن، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، ھازىر، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، كەسىپ تەرەققىياتىدا قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بۇ مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا بىز جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پائال تاقابىل تۇرۇشىمىز، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز كېرەك.

ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇشتا جەزمەن پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، شىنجاڭ خىزمىتى تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى. تۈرلۈك سىياسەتلەر گىرەلىشىپ ئۈنۈمى ئاشتى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولدى. بايلىقنى ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولدى. مۇقىملىقنىڭ پايدىسى تولۇق قويۇپ بېرىلدى؛ ئەلرايى، كىشىلەر قەلبى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەندى. ئىناق، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىدا، ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپالىق ئەجرى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ۋاقىت قىممەتلىك، پۇرسەت غەنىيمەت. ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان-ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

يۆنىلىش ئېنىق بولدى، بۇرغا چېلىندى، بىز باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك: جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇستەھكەم ئاساس سېلىشىمىز كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن ساھەسىنى تېخىمۇ ئېجىل، رايىش قىلىشىمىز كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملىشىمىز، كۈچەيتىشىمىز كېرەك؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە-قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك؛ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

پۇرسەت كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، تەرەققىياتتا ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىز ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.