تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن)نىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپ ياچېيكىنى بىرلىك قىلىپ مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچقا، قاتلامغا بۆلۈپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىسلاھاتى، پەن قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

«پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا يەتكۈزۈپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلارنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.» تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىمىز.

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان سۈرەتلىنىپ، بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.» ئۆتكەن بەش يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات تىلغا ئېلىنغاندا، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پۇ سىشيۇڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. 2019 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى پەللىدە ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنى قۇردى. يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ ئالدىدا، مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. بۇ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قاناتقان ئابىلقالى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خاسلاشقان مائارىپ ئوقۇتۇش شەكلى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيمىز، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز.

بۇ بىر نەچچە كۈندە، كۇچا شەھىرى ئىشخلا بازارلىق 11 - يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. «بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا مېنىڭ ئىشەنچىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈمنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» بۇ يەسلىنىڭ يەسلى باشلىقى دىلنۇر ئەمەت مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ ئوقۇتۇشى شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى قاتارلىقلارنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، بالىلارنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشىدا ساغلام، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(مۇخبىر جاۋ شىيا، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى، شېن زۇشياۋ، لى لىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ دەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.