تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 110 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.9 2 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 87 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.9 14 ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە «ئالدىنقى پەسىلدە يۇقىرى بولۇش، كېيىنكى پەسىلدە تۆۋەن بولۇش» يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. 9 - ئايدا تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 13 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولغان، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈچ سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %133.2 ئاشقان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سودا جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشقان، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت 34 مىليارد 870 مىليون يۈەن بولغان، RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى) دۆلەتلىرىگە قىلىنغان ئېكسپورت 1 مىليارد 80 مىليون يۈەن بولغان.

ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %149.5 ئاشقان، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ۋە 9 - ئايدىكى يەككە ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى شەكلى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 58 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %53.1ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى سودا شەكلى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 45 مىليارد 110 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40.7 ىنى ئىگىلىگەن؛ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى شەكلى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 4 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4.4ىنى ئىگىلىگەن.

«تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى تۇتقا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پورتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرىدۇ، پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.