تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرىنچى ۋاقىتتا ئاممىغا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ «ياخشى ساداسى»نى يەتكۈزدى

تاۋ يۇڭشېڭ:

بىرىنچى ۋاقىتتا ئاممىغا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ «ياخشى ساداسى»نى يەتكۈزدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتى، كۆپكۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ، مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتەتتى، ئىللىق قۇياش نۇرى ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدىكى ئەينەكتىن ئۆتۈپ، ئايگۈل مەمەت ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى.

ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئۇزۇن ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، جياۋداۋيۈەن تاۋ يۇڭشېڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى، بەزىلەر كەينى ـ كەينىدىن بېشىنى لىڭشىتاتتى، بەزىلەر ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ سوئال سورايتتى.

ئاممىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، پارتىيە قۇرۇلتىيى يېپىلغان كۈنى كەچتە، تاۋ يۇڭشېڭ تاقەتسىزلىك بىلەن قەشقەرگە قايتىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى مەزگىلىدىكى خاتىرىلىرىنى رەتلەپ، تەۋەلىك رايوندىكى ئاممىغا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ «ياخشى ساداسى»نى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى ئەتىگەندىلا، تاۋ يۇڭشېڭ ساقچى فورمىسىنى كىيىپ، پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ، ئالدىراش بىر كۈننى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ساقچىخانىدا بارلىق خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارغا يىغىن روھىنى يەتكۈزدى، ئارقىدىن ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تەۋەلىك رايوندىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تەشۋىق قىلىپ، يىغىن روھىنى يەتكۈزدى.

«مەن پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بېرىمەن، بۇمۇ يۇرتداشلار ئاڭلاشنى ئەڭ خالايدىغان مەزمۇن» دېدى تاۋ يۇڭشېڭ.

تاۋ يۇڭشېڭ كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بەردى، يەنە كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇ ئەمەلىي سۆزلىگەچكە، يۇرتداشلار چۈشىنىپ، بۇ ھەقىقىي تۈردە ئامما كۆزدە تۇتۇلغان دوكلات بوپتۇ، دېيىشتى. «كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنۈپ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ھاياجانلاندى» دېدى تاۋ يۇڭشېڭ.

«ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، خەلققە پايدا يەتكۈزۈلۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈلۈپ قەلبلەر ئىللىدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئانارگۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇلۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى...» ئايگۈل دەپتىرىگە بىرمۇبىر خاتىرىلىدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز خۇددى بۇ دوكلاتتا يېزىلغاندەك پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەندى، بالىلىرىمىزنىڭ خىزمىتى بار بولدى، ئائىلىمىزدە قانداقلا ئىش بولسا ياردەم قىلىدىغان، چارە كۆرسىتىدىغان ئادەم بار، ھويلىمىزغا قاراڭلار، قايتىدىن بېزىدۇق، كىچىك بىنا ئۆيىمىز بار، گۈللۈكىمىز، مېۋىلىك بېغىمىز بار ... بۇ دەل شەھەرلىكلەر ئېيتقان <داچا>دۇر».ئايگۈلنىڭ سۆزلىرى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈۋەتتى، «بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» «بىز كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ بېيىيمىز» ... مۇزاكىرە داۋامىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىز سۆز قىلىپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولدى.

ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، تاۋ يۇڭشېڭ تۇغقىنى تاجىگۈل يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئالدىنقى قېتىم يامغۇر ياغقاندا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدىن ئازراق يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، تاۋ يۇڭشېڭ تاجىگۈلگە تەسەللى بېرىپ: «ماتېرىيالنى ئېلىپ قويدۇم، بىردەمدىلا ئېلىپ كېلىدۇ، ئەتىلا رېمونت قىلىپ بولىمىز، قىش كېلەي دەپ قالدى، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈڭ» دېدى.

نەزەرباغ بازىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر ـ يېزا تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلغان، تەشۋىق قىلغان بۇنداق كۆرۈنۈشلەر، قوشنىلار ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ھەر كۈنى ئۇچراپ تۇرىدۇ. نەزەرباغ ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار دائىم ئائىلىلەرگە كىرىپ تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇلار بۇ يىل ئامما ئۈچۈن جەمئىي 970تىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. بۇ يىللاردا، تەۋەلىك رايونىدىكى ئامانلىق دېلولىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا «باشقۇرۇش»تىن «مۇلازىمەت قىلىش»قىچە بولغان سۈپەت ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۇ كۈنى، تاۋ يۇڭشېڭ بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرگەنلەردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى ما جۈنپىڭمۇ بار. «بۈگۈن تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ، خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز تېخىمۇ ئاشتى، بىز مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەيمىز» دېدى ما جۈنپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.