تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بەش يىلدىن بۇيانقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى توغرا ئانالىز قىلىپ، تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك. ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك. ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ۋەزىيەت، ۋەزىپە، ئومۇمىي تەلەپنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەھكەم ئىگىلەپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەممە كىشى، ھەممە ئائىلىگە بىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى كۈچنى قۇرۇلتايدىكى تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆزىگە تەتبىقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بەنگۇڭتىڭغا قويغان تەلىپىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.