تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇەن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇەن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرلار شېن يۈەنگېڭ، جياڭ شياۋۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يىفېي بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

لى يىفېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان، يېڭى باسقۇچ، يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاۋاتقان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇۋاتقان، «14 ـ بەش يىل»دىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، مۇھىم ئىلھام ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، بىڭتۇەن زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەت، بۇرچنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىڭتۇەن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىن روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل زورايتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، بىڭتۇەندىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يىل ئاخىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، بۇ يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.