تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 11 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 11 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ھەم تەخىرسىز سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەينەن تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، چوڭقۇر چۈشىنىپ ئويلىنىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، 1 ـ كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 ـ كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 ـ كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ راۋان قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پورت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىشلىرىدا «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»كە تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەت پىكىر يولىنى ئالدىن پىلانلاپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.