تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈمدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بەش يىللىق مۇساپە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن مۇساپە بولدى، بەش يىللىق ئەجىر چېچەكلەپ مېۋە بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى بەش يىلدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ئوبيېكتىپ يەكۈنلىدى، بۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىنتايىن روھلاندۇرىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بىز شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈمدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئىرادىدىن قايتماي، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ بەش يىلدا، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئىلگىرىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتى بىراقلا ئۆزگەرتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ-ئامانلىق، مۇقىملىق ئارزۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇلدى؛ ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسى دائىم غەم قىلىدىغان، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىدا يۈكسىلىش بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى؛ دىن ساھەسى ئېجىل-ئىناق بولۇپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، ئادالەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىدېئولوگىيە بازىسى مۇستەھكەملىنىپ، كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىلدى، ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ تولۇق بولدى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تۇپرىقى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇق-مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ بىڭتۇەن خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق ئالاھىدە رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

پايانسىز تۇپراق يېپيېڭى تۈسكە كىردى. بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، تىنچلىق-خاتىرجەملىك نامايان بولدى، تۇرمۇش تىنچ ـ خاتىرجەم بولدى، ھەر مىللەت ئامما مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغىدىن كوئېنلۇن تېغىغىچە، ھەممە يەر قايناق ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولدى. بۇ چوڭ ياخشى ۋەزىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرساقلا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جەڭ بۇرغىسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈم بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشتىن كەلگەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، بىز جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى تاۋلىشىمىز كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ ئاچقۇچلۇق تارىخىي تۈگۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك نىشان-ۋەزىپىسى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈمدىن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق بىلەن، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەردانىلىك بىلەن، ئەستايىدىل-پۇختا بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا خەلق رازى بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.

نەتىجە ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، كۈرەش قىلغاندىلا، كەلگۈسىدە غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ. بىز تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جان تىكىپ ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.