تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېقىنلاشقان پەيتتە| قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى فورمىسى رەسمىي نامايان بولدى

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مودېللار تېخنىكا ئەمەلدارلىرى فورما جابدۇقلىرى (سولدا)، پىدائىيلار فورما جابدۇقلىرى (ئوتتۇرىدا)، خىزمەتچى خادىملار فورما جابدۇقلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

     شىنخۇا تورى خەۋىرى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى فورما جابدۇقلىرى بېيجىڭدا رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان فورما جابدۇقلار، ئىقتىدار جەھەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ھەر خىل خىزمەت مەيدانلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى جەلپكارلىق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى نامايان قىلىنغان، پەن-تېخنىكا تەركىبى ۋە يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات جەھەتتە كەسپىي ساھە بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مودېللار ئېلان قىلىش يىغىنىدا پىدائىيلار فورما جابدۇقلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مودېللار ئېلان قىلىش يىغىنىدا تېخنىكا ئەمەلدارلىرى فورما جابدۇقلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، فورمىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەلىگۈچىسى خې ياڭ (ئوتتۇرىدا) ئېلان قىلىش يىغىنىدا فورما جابدۇقلىرىنىڭ لايىھە ئىدىيەسىنى تونۇشتۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.