تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆزلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېز يەتكۈزدى، ئۆگەندى

يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆزلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىدىغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، روھنى ئۇرغۇتقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تېز يەتكۈزدى، ئۆگەندى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچىمىزنى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ۋېي بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەشۋىقات ـ ئىدىيە سېپىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىدىغان يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىدىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن نەزەرىيە تەتقىقاتى، تەشۋىق قىلىش، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى. «بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قاتناش خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، قاتناش ـ تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى جاسارەت بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى خاۋ لېي مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ھەربىر ساداسىدا خەلق كۆزلەندى، ھەربىر جۈملىسى ئەمەلىي بولدى. بىز كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ بازار سۇبيېكتلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى كونكرېت باج ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى بارلىق كادىرلار تېلېۋىزور، تور، ۋىيشىن قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خەۋەر، مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئاڭلىدى، كۆردى ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ـ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەندى، يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس غەيۇرجان نۇرغالى مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى بازاردىكى بارلىق ئورگان، پونكىت، ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خەن فېي مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەربىر ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەممە ئائىلىگە، ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز ھەم يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي تۈردە ئىنچىكە، پۇختا، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ، رېن خۇا، مېھرىگۈل ناسىر، گو لىڭ، يەن شياۋتيەن، جاڭ يەنفاڭ، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دېفېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.