تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ۋاقتىنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىك باش تېما پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

خەن جېڭ قاتناشتى ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدالىنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى بېيجىڭ 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ۋاقتىنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىك باش تېما پائالىيىتى 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن جېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالى «قەلبداش»نى ئېلان قىلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا تەنھەرىكەتچىلەر، پىدائىيلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى، شاد ـ خۇراملىق تەبرىكلەش كەيپىياتى تولۇپ تاشتى. خەن جېڭ جۇڭگونىڭ تۇنجى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياڭ ياڭ، جۇڭگونىڭ سۇ ئۈزۈش ماھىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى جاڭ يۈفېي بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلمىنى ئاچتى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى «قەلبداش» قالتىس قىياپەتتە نامايان بولدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى «قەلبداش»تا چەمبەر ھالقىسىغا چەمبەر مەركىزى قوشۇلۇپ مېدال گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئوبراز مەنبەسى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەركەزداش ھالقىسىمان قاشتېشىدىن كەلگەن، جەمئىي بەش ھالقا بار، مەنىسى «ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، بىر نىيەتتە جەم بولۇش» بولۇپ، «يەر ـ جاھان ئىناق، كىشىلەر قەلبداش بولۇش»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئولىمپىك روھى ئارقىلىق كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شان ـ شەرىپىدىن پۈتۈن يەر شارىنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشقا سىمۋول قىلىنغان. مېدالنىڭ لايىھەسى 2008 ـ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالى «ئالتۇن ئورنىتىلغان قاشتېشى» بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، «قوش ئولىمپىك شەھىرى»نىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش نامايان قىلىنغان. مېدالنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ مەركىزىگە ئولىمپىك بەش ھالقىسى بەلگىسى ئويۇلغان، يۇمىلاق ھالقىغا بېزەك نەقىشلىرى ئويۇلغان بولۇپ، ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى نەقىشلىرىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە قار ـ مۇز نەقىشى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان، قۇد بۇلۇت نەقىشى بەخت ـ سائادەت مەنىسىنى ئىپادىلىگەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى سۈن چۇنلەن جۇڭگونىڭ ئېگىزگە سەكرەش بويىچە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى خوۋ بىن، جۇڭگونىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا قىلىچۋازلىق قىلىش بويىچە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى رۇڭ جىڭ بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالىنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى.

بۇ ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئوخشاشلا قالتىس ئۆتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدالىدا ئوخشاش ئوبراز مەنبەسى تاللاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، لايىھەلىنىشى تومۇرداش. مېدالنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ مەركىزىگە خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەلگىسى ئويۇلغان، يۇمىلاق ھالقىغا قار ـ مۇز نەقىشى ۋە قۇد بۇلۇت نەقىشى ئويۇلغان.

پائالىيەتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي چى سۆز قىلدى ھەم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ سۆز قىلغان سىن قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.