تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، غەيرەت ـ شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان چاغدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دوكلاتنىڭ باش تېمىسى، بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە ـ ئۈنۈم، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ئىلھام ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور پۇرسەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى، ئەزالار قوشۇنى، ساھە ئايرىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەشكە كۆڭۈل قويۇپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشكە كۈچەپ، كۆپ خىل شەكىل، قاتلاملارغا ئايرىلغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۆگىنىش، تەشۋىقات ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا كەڭ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپىلەر ئېنىق، كونكرېت بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، قوش يۆنىلىشتە كۈچەش يۆنىلىشىدۇر. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزگە مۇلازىمەت قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ قاراتمىلىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنى ياخشىلاپ، دائىملىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېلەر يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى پىلانلاپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.