تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، بەش يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە ـ ئۈنۈملەر تولۇق نامايان قىلىندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، توغرا بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ماھىيەتلىك جەۋھىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى، فۇنكسىيە ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، تەتبىقلىنىشچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، نازارەت قىلىش شەكلىنى ياخشىلاش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار ـ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.