تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى مۇساپىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسى، سىياسەت پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش پايدىسىنى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇپ بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، «14 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، «14 ـ بەش يىل»دا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەينەن تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، چوڭقۇر چۈشىنىپ ئويلىنىش، كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، جەڭگىۋارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن يىللىق خىزمەت نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، ئۈچ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانىغا توغرىلىنىپ، «جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش» قاتارلىق جەھەتلەرنى ياخشى تۇتۇشنى چۆرىدەپ، 2022 ـ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتى تەپەككۇرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.