تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، توغرا

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ «تۇتقۇسى» ۋە «جېنى». بەش يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ـ ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپلىك ئىچىدە توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.

قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل؛ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلىگەن بەش يىل؛ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بەش يىل؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەنگەن، راۋاجلانغان، دىنىي ئەسەبىزم ئۈنۈملۈك تۈزەلگەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، جەمئىيەت مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشقان، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالغان بەش يىل؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلغان، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان بەش يىل ؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئامما خىزمىتى ھەقىقىي كۈچەيتىلگەن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن بەش يىل؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى دەۋردە يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتكەن بەش يىل بولدى.

بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشلەرگە تىيانشان گۇۋاھ بولىدۇ، بەش يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە يىللار ئەينەك بولالايدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە ـ ئۈنۈمدىن ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشتى، ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. بەش يىلدىن بۇيانقى جانلىق ئەمەلىيەت شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەشنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئۈنۈمى ياخشى بولۇشقا باشتىن ـ ئاخىر ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا غەلىبىدىن تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

كۆل سۈيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەڭگۈ قۇرۇماس بۇلاقتىن ئۈزۈلمەي سۇ ئېقىپ كىرگەچكە. بەش يىلدىن بۇيانقى مىسلىسىز كۈرەش مۇساپىسى بىزگە مۇھىم ئىلھام بېغىشلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىدە بۇنداق كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىدىن بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى، مەدەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.

يولنى توغرا تاللىغان ئىكەنمىز، چوقۇم قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمى بويىچە ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بەخت ـ سائادەتكە باغلانغان بولۇپ، ئۈمىد مەنبەسى، يېڭى مۇساپىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، توختىماي ئالغا بېسىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.