تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 ـ قېتىملىق يىغىن ئاچتى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيى ۋە 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنى كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيى ۋە 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنى كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنى يېتەكلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۈن، 10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 ـ قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا ئەسلىدى، بەنزىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي سىياسىيدا سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، چېكىنمەسلىك، ئۆكۈنمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي غايە ـ ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى چىڭىتىپ، باشتىن ـ ئاخىر «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا بولغان دۇنيا قاراش، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى قوغداش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق بولغان، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى ۋە ئۈلگىسى بولۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچنى بېغىشلاپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، سەمىمىي گەپ قىلىش، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇش، ئەسقاتىدىغان تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي تەدبىر تۈزۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش، ياخشى ئىشلەش؛ ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئازايتىپ، قاتتىق تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ياخشى ئوبراز تىكلەش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئىرادىدىن قايتماي پاك ـ دۇرۇس بولۇشنى ساقلاش كېرەك. ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش؛ پاك ـ تەلەپچان بولۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇش مىزانىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، قىزىل سىزىقتىن ھالقىماسلىق؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇش، ئۆزىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ياخشى باشلامچى بولۇش، ئۈلگە بولۇش كېرەك.

يىغىندىن كېيىن، چېن چۈەنگو يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنى يېتەكلەپ، چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيى ۋە 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارنى يېتەكلەپ تەمكىنلىك بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، جاراڭلىق قەسەم ساداسى چوڭ زالدا ياڭرىدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي غايە ـ ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ كۈچلۈك جاسارىتىنى تاۋلاپ، ئېتىقادنى چىڭ ساقلايدىغان پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى ئاڭلىق تىكلەش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كەمتەرلىك ـ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىش، دادىللىق بىلەن غەلىبە قىلىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.