تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغاندا، ۋەكىل تۇرسۇنگۈل تۇرسۇننىياز مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش ئارىلىقىدا، ۋەكىللەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ۋەكىللەر جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن شىنجاڭ خەلق سارىيىدىن چىقماقتا. شۇ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. □ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.