(2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 1 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزاسى 47 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 45 كىشى. ئومۇمىي يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى.