− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.
دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمىز
«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بىزدىن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرمۇتۈر تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما جياڭشەن قەتئىي ھالدا.
ما جياڭشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، چىرا ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ؛ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كالا، قوي، توشقان، كەپتەر باقمىچىلىقى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بەرپا قىلىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ چېن مۇنداق دېدى: «دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى جەنۇبىي تارباغاتاي ئىقتىساد كارىدورى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تايانچ شەھەرلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيويېڭى ماتېرىيال، يېشىل يېمەكلىك پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان زامانىۋى سودا ساياھەت ۋە ئېكولوگىيەلىك باغچە شەھەر قۇرۇپ چىقىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز».
يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىمىز
ئەركىن قۇربان ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى شورلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2014 - يىلى، ئۇ ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى. «پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشاندىن مەن ئۆز خىزمىتىمنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. مەن داۋاملىق تىرىشىپ، <بايلىق>ىمىزنى ياخشى قوغدايمەن» دېدى ئەركىن.
«دوكلاتتا ئېكولوگىيە - مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى بارغانسېرى كۆكەرمەكتە، بارغانسېرى گۈزەللەشمەكتە، بىز كۆپ خىل ئورمان تۈرى، كۆپ خىل دەرەخ تۈرى، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ خىللاشقان كۆكەرتىپ ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي تاغ، شىمالىي تاغ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ <مېۋە سېۋىتى> <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ>ىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىلگىرىكى قاقاس تاغنى ئاممىنىڭ بېيىشىدىكى <بايلىق>قا ئايلاندۇرىمىز» دېدى ئاتۇش شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر تاش.
«دوكلات كىشى قەلبىنى روھلاندۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز <قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق> دېگەن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ، قار - مۇز ساياھىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىمىز.» كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گۇ فاڭ مۇنداق دېدى: كۆكتوقاي ناھىيەسى ئاپتونوم رايون ئالتايغا يۈكلىگەن قىشلىق قار - مۇز ساياھىتى ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق رايون بولۇشتەك ئورنىنى چۆرىدەپ، كۆكتوقاي قار - مۇز ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى سىجىل تېزلىتىدۇ. قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش جەريانىدا، مېھمانساراي، يول قاتنىشى، بازار رايونىنى گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، كۈتۈۋېلىش ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ بارغانسېرى كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مول ساياھەت ئىستېمالى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كەڭ بېيىش يېڭى يولىنى ئېچىشقا يېتەكلەيدۇ.
يېڭى كەلگۈسىگە تەلپۈنۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز
دوكلاتتىكى كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان رەقەملەر، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان تەدبىرلەر، ئۇلۇغۋار، گۈزەل پىلانلار ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلغا بولغان ئارزۇسىنى تولۇپ تاشقۇزدى.
«دوكلاتتا خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇردى. قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىۋاقى ئىسلام مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدە، چوڭكۆل كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، دېھقان - چارۋىچىلار يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.
توختىۋاقى مۇنداق دېدى: «يۆنىلىش ئېنىق، نىشان ئايدىڭ بولسا، ھەرىكەت چەبدەس بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن چوقۇم داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، بەنزىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەنتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى يېتەكلەپ، باغ - ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىمەن، زورايتىمەن».
دوكلاتتا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەقتە، بورتالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى غالت چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.
«بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا بىزنى كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئارزۇغا ئىگە قىلدى.» غالت مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، گىندىن يېڭى كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. گىندىن يېڭى كەنتى «خاس ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ئىستىراھەت - دەم ئېلىش، خاس پۇقراۋى قونالغۇ بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا - كەنت ساياھىتى داڭلىق كەنتىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جاڭ يەنفاڭ، رايىدە، سۇڭ ياۋېن، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جىنلياڭ)