تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر كۈچلۈك شەرق شامىلىغا تايىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى، كۈزدىكى قۇياش پارلاپ تۇراتتى، ھاۋا ئوچۇق، سۈزۈك ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ خەلق سارىيىغا كىرىپ، مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلدى.

ۋەكىللەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن، ئۇلارنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، پەلەمپەيدىن روھلۇق مېڭىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن مول ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، قەلبى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغانىدى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن قۇرۇلتايغا قاتناشتى. ئورتاق تونۇش يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدا مۇجەسسەملەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىشەنچ ئۇرغۇدى.

خەلق سارىيىدا قىزىل بايراقلار كۆزنى چاقنىتاتتى، پارتىيە گېربى يالتىراپ تۇراتتى، مەۋقە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇلغان تولۇق ئىشەنچنى يورۇتۇپ تۇراتتى − قۇرۇلتايدا باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق، پىكىر يولى ئوچۇق، تەدبىرى كۈچلۈك دوكلات شەكىللەندۈرۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە قۇرۇلتاي غەلىبىلىك يېپىلدى. گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە قىزغىن ياڭرىدى، ۋەكىللەرنىڭ يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى، جۇشقۇن ھېسسىياتى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جاكارلاندى.

بۇ، بىر قېتىملىق ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلتاي بولدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىدىغان كۈرەش نىشانىغا 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەندى.

«ئۆتكەن بەش يىللىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرساقلا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» دېدى ۋەكىل ماتىنبېك مۇراتقان.

بۇ، بىر قېتىملىق دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلغان، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كەلگەن قۇرۇلتاي بولدى. ھەربىر مەركەزلىك مۇزاكىرە نەق مەيدانىنىڭ ھەممىسى بىر مەيدان ئارزۇ بىلەن بۇرچنىڭ گىرەلىشىشى، مەسئۇلىيەت بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئۇچرىشىشى بولدى.

«پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا پەيدا بولغان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى» دېدى ۋەكىل جاڭ تۇڭ.

بۇ، بىر قېتىملىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان قۇرۇلتاي بولدى. پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايى بىر - بىرىگە باغلاندى، ئېتىقاد بىلەن غايە تەڭ ئىلگىرىلىدى، نەتىجىلەر ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ھالدا خۇلاسىلەندى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش دەل جايىدا، كۈچلۈك بولدى.

«مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، ئەتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا قەلبىمىز ھاياجانغا تولىدۇ. قۇرۇلتاي مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرىدۇ» دېدى ۋەكىل چيۇ چۇن.

بۇ، بىر قېتىملىق ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان قۇرۇلتاي بولدى. تارىخ دۇمبىقىنىڭ ساداسى ھەمىشە دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ياڭرايدۇ، شانلىق سەھىپىلەر ھەمىشە ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا پۈتۈلىدۇ، يېڭى دەۋر شەرق شامىلىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەنە بىر قالتىس بەش يىلىنىڭ چوڭ پەردىسى ئېچىلدى.

ۋەكىل پېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇلتاي كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك تەرەققىياتقا قارىتا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، يۈرۈش قىلىش بۇرغىسىنى چالدى. ھازىرقى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي، كەسكىن ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

ۋەكىل ماۋ جىڭلۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مالىيە خىزمىتى ئاساسىي ئىشىنى چۆرىدەپ، بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەيمىز. داۋاملىق تۈردە مالىيە كىرىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ۋەكىل قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيمىز. كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

ۋەكىل ۋېي چېڭ مۇنداق دېدى: مەۋقەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىش ئورنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئۆز جايىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

خۇددى بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە چەكسىز ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغاندەك، ھەربىر سۆز - جۈملىدە قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

چۈشتە، ۋەكىللەر مول تەسىراتقا ئېرىشىپ چوڭ قەدەملەر بىلەن يىغىن مەيدانىدىن چىقتى. خەلق سارىيى سىرتىدا مەيىن شامال يۈزگە ئۇرۇلۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيتتى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا، شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولى مىسلىسىز كېڭەيدى؛ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى مۇقەررەر ھالدا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.