تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى باشلىنىش نۇقتىدا يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى نىشان يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىردى.

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىشتىن ئىبارەت يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى. بىز قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان، يېڭى باسقۇچ، يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى ساقلانغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنۇۋاتقان، «14 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان ۋەزىيەتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن پارتىيە ۋەكىللىرى تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىلگىرىكىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىدىغان، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي قىلىپ ئاچتى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، غەيرەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

قۇرۇلتايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. يولداش چېن چۈەنگونىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى ۋەكىللەرنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، دوكلاتقا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى ئوبيېكتىپ خۇلاسىلەندى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئىلھامى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلىرى ئىلمىي يىغىنچاقلاندى، شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ئالاھىدە ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور پۇرسەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ بولغان، باش تېمىسى روشەن، ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بىر ياخشى دوكلات.

ئۆتكەن بەش يىلغا نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۇ بەش يىلدا، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، تىنچلىق، ئىناقلىق ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى؛ بۇ بەش يىلدا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلدى؛ بۇ بەش يىلدا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبلەر ئىللىتىلدى؛ بۇ بەش يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئانارگۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇلۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى؛ بۇ بەش يىلدا، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئىللىق كەيپىيات يارىتىلدى؛ بۇ بەش يىلدا، ئىدېئولوگىيە بازىسى مۇستەھكەملىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا ياخشى نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؛ بۇ بەش يىلدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تۇپراق تېخىمۇ يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولدى؛ بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى؛ بۇ بەش يىلدا، بىڭتۇەن خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى؛ بۇ بەش يىلدا، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى - ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، كۈرەش قىلىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەت، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن، جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈپ چىققان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا غەلىبىدىن تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل - پۇختا بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.