تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز تارقاتقان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى 24 مىليارد 408 مىليون يۈەن بولدى​

مەنپەئەتلەنگەن ئامما 3 مىليون 710 مىڭ 800گە يەتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرى تارقاتقان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇلى، تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق 28 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى جەمئىي 24 مىليارد 408 مىليون يۈەن بولۇپ، مەنپەئەتلەنگەن ئامما 3 مىليون 710 مىڭ 800گە يەتكەن.

تارقىتىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، بانكا كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىلغىنى 24 مىليارد 407 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %99.99ىنى ئىگىلىگەن، مەنپەئەتلەنگەن ئامما 3 مىليون 709 مىڭ 200 كىشى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەنپەئەتلەنگەن ئامما ئومۇمىي سانىنىڭ %99.96ىنى ئىگىلىگەن؛ نەق پۇل ئارقىلىق تارقىتىلغىنى 1 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %0.01ىنى ئىگىلىگەن، مەنپەئەتلەنگەن ئامما 1633 كىشى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەنپەئەتلەنگەن ئامما ئومۇمىي سانىنىڭ %0.04ىنى ئىگىلىگەن.

ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ تارقىتىلغان سوممىسىدىن قارىغاندا، رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئالتە ئورۇندا تۇرغان تۈرلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇنۇلار: قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇل مەبلىغى 5 مىليارد 366 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %21.98ىنى ئىگىلىگەن؛ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى 2 مىليارد 938 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %12.03ىنى ئىگىلىگەن؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى 913 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %3.74ىنى ئىگىلىگەن؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش ياردەم پۇلى 530 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %2.17ىنى ئىگىلىگەن؛ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم پۇل مەبلىغى (يېزا تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ياردەم پۇل مەبلىغى) 451 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %1.85ىنى ئىگىلىگەن؛ نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ياردەم پۇل مەبلىغى 307 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %1.26ىنى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى <ھەممىباب كارتا>سىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى تەلەپلەرنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايوندىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمىتى مەخسۇس بەنى مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ جايىدا تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىدۇ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.