تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ يەنىمۇ ئەلالىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارىدا بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 185 مىليون 902 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان؛ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 19 مىليون 927 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.1 ئاشقان؛ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 25 مىليارد 920 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان؛ توك تارقىتىش مىقدارى 303 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان؛ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 55 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ %71.1ى تاماملانغان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېنېرگىيە تىرىكى سىستېمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كۇچا ئاقسۇ مارالبېشى Ⅱ قايتما، تۇرپان − بايىنغولىن ئوبلاستى − كۇچا Ⅱ قايتما قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتتى، شەرقىي جۇڭغار − خۇادۇڭ(جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 9 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلدى، يەكەن خوتەن Ⅱ قايتما قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى.

يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى تېزلىتىلدى. قومۇلنىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك، شەرقىي جۇڭغارنىڭ 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، فۇكاڭنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق، قومۇلنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى تېزلىتىلدى، فۇكاڭنىڭ شەرقى، ئاقتۇ قاتارلىق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى دۆلەتنىڭ «سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)»غا كىرگۈزۈلدى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرتۇتاش تەڭشەلگەن پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمى 44 مىليون 479 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ %42.3ىنى ئىگىلىدى.

نېفىت - تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلاش، توشۇش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى. نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭغار، تارىم، تۇرپان - قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈش بويىچە يەتتە يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى. ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپى ۋېنشى 1 - ئامبىرى، قۇتۇبى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يەتكۈزۈش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا يېڭىدىن ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش، توشۇش ۋە زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلدى. يەرلىكنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، قۇرۇش، ئىجارىگە ئېلىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سېلىنما سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، 2021 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش بويىچە 287 مىڭ ئائىلىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇش پائال ئالغا سىلجىتىلدى، نۆۋەتتە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى، يانداش ئېلېكتىر تورى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %94، %71.7 تاماملاندى. دۆلەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا 2021 - يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە مەركەز خامچوتى ئىچىدە 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرۈشى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 25 ناھىيە(شەھەر)گە نەپ يەتكۈزۈلدى، نۆۋەتتە 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سىجىل كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنات بىخەتەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇستەھكەم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.