تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، گو لىڭ

ۋاقىت خۇددى ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاققاندەك ئۆتۈپ، شەھەر، يېزا - كەنت، دالا، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى ھەربىر خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەش يىلدىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى - ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

ھەربىر سۆز ناھايىتى ۋەزىنلىك بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئېلىپ كەلگەن ھەرقايسى سەپلەردىكى غەلىبە خەۋەرلىرى بىلەن ماسلاشتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: مۇشۇ دەۋردە تۇرۇپ، مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز!

«ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسى تولۇق قويۇپ بېرىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە پۇختا ئاساس سېلىندى.» باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇھىم مەزگىلنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرەلىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭغا قاتنىشالىغانلىقىمىز ۋە گۇۋاھ بولالىغانلىقىمىزدىن، مەن بارلىق كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن».

«ھەممە ئائىلە كېچىسى ئىشىكنى تاقىمايدىغان بولۇش، يولدا تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمايدىغان بولۇش.» بۇ، ئىلگىرى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يۇڭنىڭ بازىرى نەنخې مەھەللىسىنىڭ كادىرى، ۋەكىل جاۋ يەننىڭ جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناقلىقىغا بولغان ئارزۇسى ئىدى. «بۇ بەش يىلدا ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: «نەنخې مەھەللىسىدە ۋېلىسىپىت، توكسىكلىتلارنى بەزىدە قۇلۇپلاشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، نەچچە كۈن قويۇپ قويسىمۇ يىتىپ كەتمەيدۇ؛ كادىرلار بىلەن ئامما قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ؛ قوشنىلار ئارا دائىم يوقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ... ھەربىر ئادەم مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى».

بەش يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۈرلۈك كەسىپلەر تېز قەد كۆتۈردى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار تېز ئەمەلىيلەشتى، شىنجاڭ تىرىشىپ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ۋەكىل پاتەم ئەيسا مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايون باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر مېۋىلىك باغنى دېھقانلارنىڭ يېشىل بانكىسىغا ئايلاندۇردى. ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق سىستېمىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغاندا، گەرچە جاپا چەكسىمۇ، لېكىن دېھقانلار مول ھوسۇل ئالسا، ئۇلارنىڭ ھەميېنى تومپايسا، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنسە، چەككەن جاپالىرى كۆزىگە كۆرۈنمىدى».

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق تەلتۆكۈس تۈگىتىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كىشىلەر قەلبىگە ياقتى، داۋالاش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى... بەش يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر ئەمەلىي ئىش خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولدى.

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى نېفىت يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى نەنخۇەن يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چېن مىن مۇنداق بىلدۈردى: دوكلاتتا «<ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى>نى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يىغىن روھىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيەشتۈرۈپ، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان، نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى سىجىل ياخشى بېجىرىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەيمەن.

«بۇ بەش يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارگۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدۇق.» دوكلاتتىكى بۇ سۆزنى ۋەكىللەر ھەقىقىي ھېس قىلدى.

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە بىللە تۇرۇش، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىش ھەرقايسى مىللەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان مۇستەھكەم رىشتە. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ۋەكىل قۇربان نىياز دەل «رىشتە»نى باغلىغان كىشى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، بالىلارغا تاڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى، خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىشنى ئۆگىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. «مەدەنىيەت تۇتاشقاندىلا، ئاندىن ئىدىيە تۇتىشىدۇ؛ ئىدىيە تۇتاشقاندىلا، ئاندىن تىل تۇتىشىدۇ؛ تىل تۇتاشقاندىلا، ئاندىن ھېسسىيات تۇتىشىدۇ؛ ھېسسىيات تۇتاشقاندىلا، ئاندىن قەلب تۇتىشىدۇ.» ۋەكىل قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: بالىلار ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپتىن چىقىش، يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىگە سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا بىر - بىرىنى چۈشىنىش، بىر - بىرىدىن زوقلىنىش، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.