تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغى باغچىسىدا قىزارغان ئېرەن يوپۇرماقلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې خەۋەر قىلىدۇ) قىرو چۈشۈكى مەزگىلىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغى باغچىسىدا «قىزارغان ئېرەن يوپۇرماقلىرى 2-ئايدا ئېچىلىدىغان گۈللەردىنمۇ قىزىل» بولغان گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى.

10-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر يامالىق تېغى باغچىسىدا، بەش بۇرجەكلىك ئېرەن يوپۇرمىقىنىڭ دەرەختە قىپقىزىل ھەم چىرايلىق، يەرگە چۈشكەندە يەنە بىر خىل گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ قىرو باغلىغان سۆسۈن يوپۇرماقلىق زىرىق، تاغقا يامىشىپ چىققان يالمانقۇلاق، كۆزنى چاقنىتىدىغان مەشئەل دەرىخى يامالىق تېغى باغچىسىنى گۈزەل تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرە رەسىمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

يامالىق تېغى باغچىسىدا، سەھەردە چېنىقىدىغان ئىككى نەپەر شەھەر ئاھالىسى تاش ئالما دەرىخى يېنىدىن ئۆتمەكتە.

يامالىق تېغى باغچىسىنىڭ يول بويىدا، قىرو باغلىغان قىزىل رەڭلىك چاتقاللىق باغچىغا ئۆزگىچە مەنزىرە قوشقانىدى.

يامالىق تېغى باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىلىرى قىزىل رەڭلىك يالمانقۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى قىرو باغلىغان چىرايلىق قىزىل يوپۇرماقلار.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى قىرو باغلىغان سۆسۈن يوپۇرماقلىق زىرىق.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى كۈز مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى قىرو باغلىغان مەشئەل دەرىخى يوپۇرمىقى.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى ئوتقاشتەك قىزىل مەشئەل دەرىخى.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى چىرايلىق بەيدۇ مېۋىسى.

يامالىق تېغى باغچىسىدىكى ساپسېرىق، ئوتقاشتەك ئېرەن يوپۇرماقلىرى چۆپلۈككە چۈشۈپ ئۆزگىچە بىر خىل مەنزىرە  ھاسىل قىلدى.

شەھەر ئاھالىلىرى يامالىق تېغى باغچىسىدا كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.