[يېڭى نەتىجە يارىتىش خۇشاللىق ئىچىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش]
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى يۈنلۇڭ پاختىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە سېتىلىدىغان يېڭى پاختىلار لىق بېسىلغان ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرماقتا. ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسىدە تېرىلغان 700 مىڭ مو كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەرقايسى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىمەكتە.
ما گۇاڭيۈەن فوتوسى
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسى جېنشىڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، ئاپئاق پاختىنى كۆتۈرۈۋالغان دېھقانلارنىڭ چىرايىدىن مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە، بۇ ناھىيەنىڭ ئاھالىسى مېھرىئاي ھاشىم توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تور ئەھلىگە شىنجاڭ پاختىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 7-كۈنى، دېھقانلار توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۈمۈش بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن پاختا يىغماقتا. بۇ ناھىيە بۇ يىل 70 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىدى، كۈمۈش بازىرىدىلا 64 مىڭ موغا يەتتى.
لى جىڭخەي فوتوسى
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پاختا-چىگە شىركىتى مارالبېشى پاختا-چىگە پونكىتىنىڭ پاختا ساقلاش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىم پويىزغا ساپ پاختا توشۇماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، سودىگەر ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىدا رەڭلىك پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆرمەكتە. بۇ شىركەتنىڭ تەبىئىي رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ %95نى ئىگىلەيدۇ.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خىزمەتچى خادىم شايار ناھىيەسىدىكى ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا بىر خىل چىرايلىق، ئاپئاق «گۈل» پورەكلەپ ئېچىلدى، ئۇ دەل پاختا.
سانجاق-سانجاق ئاپئاق پاختىلار گەرچە يېنىككىنە بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەنىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەن شىنجاڭ پاختىسى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پاختىلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولماقتا. 2020-يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 161 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %87.3ىنى، دۇنيا پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ تەخمىنەن %20ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ پاختىسى جۇڭگونى ئىللىتتى، دۇنياغا گۈزەل تۈس قوشتى.
شىنجاڭ پاختىسى بېيىش گۈلى، ئۇ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى. قاردەك ئاپئاق پاختىنى كۆتۈرۈۋالغان پاختىكارلارنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى شېرىن تۇيغۇلار جىلۋىلەندى.
شىنجاڭ پاختىسى دەۋر گۈلى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، زامانىۋى توقۇمىچىلىق، زامانىۋى سودا... ئاپئاق پاختا زامانىۋىلاشقان كەسىپلەرنىڭ كۈچلۈك مەدىتىدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ماشىنىدا پاختا يىغىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كېۋەزنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %75تىن ئاشۇرۇلىدىكەن.
شىنجاڭ پاختىسى بەخت گۈلى، ئۇ تىيانشان ئېتىكىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئۆسىدۇ، بەختنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئالاقە تورىنىڭ ۋاسىتىسىدە پۈتۈن يەر شارىغا كەڭ تارقىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە بەختىنى تارقاتماقتا.
قاردەك ئاپئاق پاختىلار شىنجاڭ تۇپرىقىدا بەس-بەستە ئېچىلدى، ئۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ، جۇڭگولۇقلارنىڭ پەخرى، بىز ئۇنى گۆھەردەك ئەتىۋارلايمىز، ئۇنىڭغا داغ تېگىشىگە يول قويمايمىز.