تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ شېئىرىي تۇيغىغا ئىگە رەسىمدەك گۈزەل كۈز مەنزىرىسى 

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، توپ-توپ سۇ قۇشلىرى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى خۇاڭشۇيساۋزى سۇ ئامبىرىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيتىڭ بازىرى بېيتىڭ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ سۇ قۇشلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ كۆپىيىپ ياشاشقا جەلپ قىلدى.

  خې لۇڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى، توپ ـ توپ سۇ قۇشلىرى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى خۇاڭشۇيساۋزى سۇ ئامبىرىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

  خې لۇڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى كېرىم خار كەنتىدىكى «ئەڭ گۈزەل تاشيول»نىڭ كۈز مەنزىرىسى.

    بۇ «ئەڭ گۈزەل تاشيول» باغراش ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8.684 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يىل 5-ئايدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. كۈز كىرگەندىن بۇيان، ئەگرى ـ بۈگرى تاشيول ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلۇق، كۆك رەڭلىك كۆل سۈيى بىلەن ئۆزئارا يارىشىپ، گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «رەڭ كۆپەيتىش، رەڭ قوشۇش، مەنزىرە يارىتىش» تەپەككۇر يولىنى چۆرىدەپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «يول بىلەن مەنزىرە بىرىككەن، كۆڭۈلگە ياقىدىغان، ئازادە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يول قەيەرگىچە بولسا، گۈزەللىكنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈش، يېزا تاشيوللىرىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بېيىش يولى، بەخت يولىغا ئايلاندۇردى.

  نيەن لېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 21-كۈنى، چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ ئوتلاق كۆچمەكتە.

    چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار ھەر يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ۋە ئاپتوموبىل بىلەن 200 نەچچە مىڭ تۇياق چارۋىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەتىيازلىق، كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىدىن بارلۇق تاغلىق رايونى ۋە جايلىما تاغلىق رايونىدىكى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرىدۇ.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

كورلا قۇرۇق تېغى ئېتىكىدىكى لۇڭشەن كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ كۈزدىكى مەنزىرىسى (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

   2001-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، كورلا شەھىرى قۇرۇق تېغى ئېتىكىدىكى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ھازىرغا قەدەر، كورلىدىكى قۇرۇق تېغى ئەتراپىدا كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 100 مىڭ مودىن، تىكىلگەن ھەر خىل كۆچەت 20 مىليون تۈپتىن ئاشتى، ئەي بولۇش نىسبىتى % 85كە يەتتى. قاقاس تاغنى كۆكەرتىشتە، كورلا شەھىرى يېشىل پەن-تېخنىكا يولىنى تېپىپ چىقتى.

چۆ. خۇرە فوتوسى

كورلا قۇرۇق تېغى ئېتىكىدىكى لۇڭشەن كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

چۆ. خۇرە فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.