ھەيۋەتلىك تۆمۈر چوققىسى تىيانشان تېغىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا، شۇنداقلا دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى مۇھاپىزەت رايونىدۇر. تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 4-، 5-تۇەنىدىكى 500 مىڭ موغا يېقىن چارۋىچىلىق مەيدانى شەھەر سىرتىدىكى كۆكلەم سەيلىسى، شۇنداقلا قار تاماشا قىلىشتىكى ئالدىن تاللايدىغان مەنزىلگاھ ھېسابلىنىدۇ.










