تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى %20تىن ئارتۇق ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 5.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 15.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭكىدىن 17.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، «ئالتە مۇھىم» تىزىملىك، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئالغا سىلجىتىش، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇقتىلىق تۈرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى قاتارلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان «ئون چوڭ مېخانىزم»نى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا بىرقەدەر ياخشى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى.

كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %40.7، %24، %21.1 ئېشىپ، ئۈچ كەسىپنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى.

ساھەلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.5 ئېشىپ، ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى؛ ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئېشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتى ماس قەدەمدە ئاشتى.

سېلىنما سۇبيېكتىدىن قارىغاندا، پۇقرالار سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.1 بولۇپ، پۇقرالار سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز 4 - پەسىلدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق سېلىنما نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.