چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق سايلام ئىسىملىكى ماقۇللاندى، بېلەت نازارەتچىلىرى، باش بېلەت نازارەتچىسى، مۇئاۋىن باش بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزگەن يىغىننىڭ سايلام چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق سايلام ئىسىملىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق سايلام ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ بېلەت نازارەتچىلىرى، باش بېلەت نازارەتچىسى، مۇئاۋىن باش بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.