تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​«خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، خۇاڭخې دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ ئېقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئىش، دەپ تەكىتلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېڭى مەزگىلدە خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، تۈزەش، ئېقىن رايونىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بەردى.

ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، كۈنلەر، ئايلار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىي يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويۇپ، تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچماقتا.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئەزىم دەريا «كۆكەرتىلىپ»، ئانا دەريانىڭ ئېكولوگىيەسى ساغلام، سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى؛ ئەزىم دەريا «گۈللەندۈرۈلۈپ»، ئېقىن رايونىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى؛ ئەزىم دەريا «تىنچلاندۇرۇلۇپ»، خەلقنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى جېڭجوۋ سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئەستايىدىل - پۇختا بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە مەڭگۈ بەخت يارىتىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئەزىم دەريا شەرققە قاراپ ئاقماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، خەلقنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ئىشلىرى تارىخىي يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويۇپ، تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچماقتا؛ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان توختىماي ئۆركەشلەپ ئاققان ئانا دەريا ئېقىن رايونىدىكى مىليونلىغان ئامما بىلەن بىرلىكتە مىسلىسىز يېڭى دەۋرگە گۇۋاھ بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.