تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ نېنى يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا ماڭدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ناندىن ئىبارەت بۇ ھەممە ئادەم پىششىق بىلىدىغان مەززىلىك يېمەكلىك شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كەسىپكە ئايلانماقتا.

قىسقىغىنا نەچچە يىلدا «يۇغۇرما» تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن، كىچىككىنە نان جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان چوڭ كەسىپكە ئايلىنىپ، نوقۇل بولغان ئەنئەنىۋى مەززىلىك يېمەكلىكتىن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىشەنچلىك تايانچ نۇقتىغا «تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ»، زامانىۋى كەسىپ تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىدا خاس سېھرىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

10 - ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ نانچىلىق كەسپى (تيەنجىن) تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى تيەنجىن شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، 200 خىلدىن ئارتۇق شىنجاڭ نېنى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى يەرمەنكىدە مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى. يەرمەنكە نەق مەيدانىدا سېتىش - سېتىۋېلىش جانلاندى، تۈرلۈك پىششىقلاش ئارقىلىق ياخشىلانغان نان مەھسۇلاتلىرىدىن زور مىقداردا زاكاز ئېلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باشلامچى كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، تايانچ كارخانىلاردىن ئەلالىرىنى يۆلەپ، كۈچلۈكلىرىنى يۆلەپ، ئەۋزەللىككە ئىگە كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلغان، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلغان، تۈرتكىلىك ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر تۈركۈم نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى بەس - بەستە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك ئىستىراھەت يېمەكلىك نانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئوندىن ئارتۇق كارخانا سانائەتلەشكەن، كۆلەملەشكەن، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل 6 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى رايونىدىن 63ى قۇرۇلدى، نانچىلىق كەسپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىسى 510دىن ئاشتى، كۆلەم شەكىللەندۈرگەن نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى 460تىن ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈنىگە تەخمىنەن 1658 توننا نان ئىشلەپچىقىرىلىپ، نان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن تىجارەت سەۋىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆستى.

بۇ يىل «1 - ئۆكتەبىر» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ناننىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلالايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تەدرىجىي تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، نانچىلىق كەسپى كۆلىمى كىچىكلىكتىن زورايدى، ئىلگىرىكى يول بويىدىكى كىچىك تونۇرلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ راۋاجلىنىپ، خاسلىققا ئىگە نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن ئورۇن ئالدى. نانمۇ نوقۇل ئەنئەنىۋى مەززىلىك يېمەكلىكتىن سانائەت، ساياھەت، مەدەنىيەت بىلەن بىرلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلغان خاس ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا «1 - كەسىپكە ئۇلىنىش، 2 - كەسىپنى مەۋقە قىلىش، 3 - كەسىپ بىلەن قول تۇتۇشۇش» تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «يۇغۇرۇلۇش» ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ تۈرتكىسىدە، نانچىلىق كەسپى ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە كەسىپنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى.

«نۆۋەتتە كارخانىمىز كۈنىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىۋاتىدۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىمىز 50 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.» شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئادىلجان نىياز مۇنداق دېدى: كارخانىمىز «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېشىل، ئورگانىك ئاشلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھەر يىلى زاكاز ئارقىلىق يېشىل، ئورگانىك بۇغدايدىن 6000 توننىدىن ئارتۇق سېتىۋالىمىز، بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن دېھقان ئائىلىسى 2600دىن ئاشىدۇ.

كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئېلىپ كەلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نانچىلىق كەسپىدە 130 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوبۇل قىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنغان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ناۋايلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان. «يۇغۇرۇلۇپ» تەرەققىي قىلىۋاتقان نانچىلىق كەسپى تەدرىجىي ھالدا ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان چوڭ كەسىپكە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.