تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، چېن چياڭۋېي، خېي خۇڭۋېي

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ھەم پارتىيەمىز ئىزچىل تۈردە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەۋزەللىك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئاقسۇ ۋىلايىتى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلدى؛ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت بىر مىليون مو» ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى... بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە جانلىق نامايان بولدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقىدىن بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە توغرىلىنىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىش، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىش، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي قۇرۇلۇشتىكى تۈپ مەسىلە قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ بىزدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا، قەتئىي تۈردە يېرىم - يارتا قىلماي، ئۆزگەرتىۋەتمەي، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.» گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد 695 مىليون يۈەنگە يەتتى، سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 144 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلار گۇچۇڭ ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋزەل بايلىققا داۋاملىق تايىنىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار بىلەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل سىياسىي ئۆلچەم. ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ ۋېيمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىرنەچچە يىلدا ئاقتۇ ناھىيەسى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش نىشان تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايون كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشنى ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى «قاتتىق تەدبىر» قىلىپ، سىياسىي ئۆلچەم بويىچە ئادەم تاللاش، ساپانى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ ئادەم تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ئادەم باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار، ساپانى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ليۇ ۋېيمىن.

ئۆتكەن بەش يىلدا، كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇلار «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يېزىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يېزىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋەكىل خۇ ۋېيباۋ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز سىياسىي ئېڭىمىزنى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى تېخىمۇ جىلۋىلەندۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.