تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى​

شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تۈركىيەگە قارىتىلغان مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى، تۈركىيەنىڭ سىياسىي ساھەسى، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇلار ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان، تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، قىلچە داۋلىسى يوق، قىلچە ئاساسى يوق ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىغا داغ تەگكۈزدى»، شىنجاڭنى «خۇنۈكلەشتۈردى»، بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز! ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ۋە قىلمىشنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم ئىكەنلىكىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، بىز تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، جۇڭگونى پارچىلىشىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا تېخىمۇ يول قويمايمىز. بۇ يىل جۇڭگو - تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، تۈركىيەدىكى نۇرغۇن دوستلار جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل شىنجاڭغا كۆپ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، شىنجاڭدا بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىگەن، بۇ، قالتىس مۇۋەپپەقىيەت. «مەن باشتىن - ئاخىر شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭ ياخشى جاي، كۆپچىلىك بۇ يەرگە كەلسىلا، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ» دېدى يۈكسەل.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات فىلىمى ۋە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئالغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئەھۋالىنى بايان قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئەسلىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى، ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسىدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلار سىنلىق يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقانلارغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ھېس قىلدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، ئېلىجان ئانايەت ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.