تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاقتى، يېڭى دەۋرنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى ياڭرىدى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې

«مۇشۇ يىللاردا، مەن كۆپ قېتىم خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر قىسىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردىم ۋە ئويلاندىم. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىن كېيىن، بىز خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ <دەريا ئىستراتېگىيەسى> بېكىتىلدى».

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرىگە كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنى تەكشۈردى ھەم جىنەن شەھىرىدە خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى ئانا دەريا جۇڭخۇا مىللىتىنى بېقىپ ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەت روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭخۇا مىللىتى چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆپىيىپ، تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى. يېڭى دەۋردە، بىز ئانا دەريانى قوغداش، تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

ئوتتۇرا ئېقىندىكى جېڭجوۋدىن تۆۋەن ئېقىندىكى جىنەنگىچە، «خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى»دىن «خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى»غىچە، ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئېقىپ، يېڭى دەۋرنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

بىر ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش

− «بۈگۈن بۇ يەرگە كەلدىم، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ بولدۇم»

دۇڭيىڭ كېنلىدا ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ تۇراتتى.

چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان خۇاڭخې دەرياسى يول بويى ئۆتكەل - جىلغىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ، تۈمەن چاقىرىمغىچە ئۆركەشلەپ، مۇشۇ يەردە بىپايان بوخەي دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ.

«خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېقىنى ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەن! بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ھەممىسىگە باردىم، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى.» 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى پىرىستاندا باش شۇجى شى جىنپىڭ رېشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىدى.

ۋاقىتنى يەتتە يىل كەينىگە قايتۇرايلى.

2014 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن لەنكاۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا، ئالايىتەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەگىمى − دۇڭباتۇ يېزىسىدىكى خۇاڭخې دەرياسى بويىغا كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالى ۋە ساھىل رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

1855 - يىلى، قەدىمدىن تارتىپ «ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم يار ئېلىپ كېتىدىغان، 100 يىلدا بىر قېتىم ئېقىن يولىنى ئۆزگەرتىدىغان» خۇاڭخې دەرياسى دەل لەنكاۋ ئەتراپىدىكى يارنى يەنە بىر قېتىم ئېلىپ كېتىپ، ئېقىن يولىنى ئۆزگەرتىپ دۇڭيىڭدىن دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان بولغان.

«خۇاڭخې دەرياسىدا ئىزچىل يوشۇرۇن خەۋپ كۆپىيىپ، سۇ ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولدى.» خۇاڭخې دەرياسىدىكى خەۋپتىن ئەندىشە قىلغان، خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشنى كۆزلىگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىزچىل ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، ئىزچىل ئويلاندى.

ئۈچ دەريا مەنبەسىدە، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغداشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى؛ چىنلىڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە «مەركىزىي سۇ مۇنارى»نى قوغداش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دەپ تەكىتلىدى؛ گەنسۇدا تۇنجى قېتىم «خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ نىڭشياغا «خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئويلىنىش جەريانىدا، پىكىر يولى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى.

2019 - يىلى 9 - ئايدا، خېنەن جېڭجوۋدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

جېڭجوۋ سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى.

يېقىندا، يىرىك پىلان پىروگراممىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنغا بۆلۈپ، سۇ بايلىقى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، كەسىپ، قاتناش، مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىن خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، تۈزەشتىكى «ئاساسىي قۇرۇلما» بەرپا قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيە - مۇھىتتىكى بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك تۈزىتىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوغداش ئاڭلىقلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

«مەن چاڭجياڭ دەرياسى ئاغرىپ قالدى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىر دېگەنىدىم. بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك» دېدى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئالدىدا باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.

تارىخنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەتنى تىلغا ئالدى:

«بۇ يەنە ماۋ جۇشىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئارزۇسى ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ماۋ جۇشى <خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى، ئۇ ئەسلىدە ئاتلىق ئەترەت تەشكىللەپ خۇاڭخې دەرياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاندىن خۇاڭخې دەرياسىنى قانداق قىلغاندا تىنچ ئاقىدىغان قىلىشنى تەتقىق قىلماقچى بولغانىدى. بۇ ئارزۇسى كېيىن ئىشقا ئاشمىدى».

«بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلىۋاتىمىز. ھازىر شارائىت ئوخشىمايدۇ، ئايروپىلانغا، پويىزغا، پاراخوتقا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش پەقەت كۆرۈپ قويۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى پىكىر يۈرگۈزۈش بولۇش، ئوي - پىكىر بولۇش، ئورۇنلاشتۇرما بولۇش، ھەرىكەت بولۇش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك!»

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «14 - بەش يىل» خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تېزدىن يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

بىر قىزىل سىزىقنى ساقلاش

− «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك»

خۇاڭخې دەرياسى دېلتىسىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن لاي - لاتقا چۆكمىلىرى ھاسىل قىلغان ياش يەرلەر چەكسىز ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدنى بارلىققا كەلتۈردى.

600 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن پەيدا بولغان سۇلۇق يەر تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈك رايونىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەر يىلى 6 مىليوندىن ئارتۇق قۇش بۇ يەرگە كۆچۈپ قىشلايدۇ، 40 خىلدىن ئارتۇق بېلىق بۇ يەردە تۇخۇملاپ كۆپىيىدۇ ...

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ سۇلۇق يەرنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، بۇ ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شادلىق باغچىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

دېڭىز شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، قومۇشلار ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، بىرنەچچە ياۋا غاز ۋە ئالىباش ياۋا غاز سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك ئارالغا ماكانلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن خاتىرجەم كۆرۈنەتتى.

«بىزنىڭ بۇ يەر جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى ئاق لەيلەك يۇرتى، قارا تۇمشۇقلۇق چايكا كۆپىيىدىغان جاي، بۇلتۇردىن بۇيان يەنە فىلامىنگو قۇشى، ئاق ساقىيقۇش، قوشۇق تۇمشۇق لايخورەك يېڭىدىن بايقالدى.» شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇشۇ يىللاردا تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، باقمىچىلىق رايونىدىن ساھىلغا قايتۇرۇش ئارقىلىق، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«ئەڭ كۆپ بولغاندا يىللىق ساياھەتچى مىقدارى 600 مىڭغا يېتىدۇ، بىز ھەر كۈنلۈك ئەڭ كۆپ ساياھەتچى مىقدارىغا چەك قويدۇق».

«ياخشى باشقۇرۇش كېرەك، سۇلۇق يەرلەرنى بۇلغاشقا بولمايدۇ، ئوۋ ئوۋلاشقىمۇ، تور يېيىپ قۇش تۇتۇشقىمۇ بولمايدۇ.» ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى سۇلۇق يەرنى قوغداشنى بىر تۈرلۈك ئالىيجاناب ئىش دەپ بىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھۆسن قوشۇش كېرەك».

خۇاڭخې دەرياسى دېلتىسى ئېكولوگىيەسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى «سۇ ۋە بېلىق»نىڭ ئۆزگىرىش ئەگرى سىزىقى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى −

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى ھەم 2 - دەرىجىلىك سۇ سۈپىتى سەۋىيەسىدە مۇقىملاشتۇرۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېلىجانلارنىڭ زىچلىقى ھەر كۇب مېتىردا 3.8دىن 10.8گە كۆپەيدى.

«خىزمىتىڭلار ناھايىتى ئۈنۈملۈك بوپتۇ، بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تونۇشى بىرلىككە كەپتۇ، شۇنداقلا ھەرىكەتكە كەپتۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇرسەن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خۇاڭخې دەرياسى بىزنىڭ ئانا دەريايىمىز، قوغداش ئالدىنقى شەرت، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك».

خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئېكولوگىيەنىڭ ئاجىز بولۇشى، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئاممىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىنتىلىدىغىنى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان، پاكىز تۇپراق.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەر قېتىم خۇاڭخې دەرياسى ئۈستىدە توختالغاندا، ھەمىشە «قوغداش» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالاتتى. ئۇ خۇاڭخې دەرياسى بويىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا جەزمەن ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ قىزىل سىزىقنى ساقلاش كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

جېڭجوۋ سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى «كۆل ياساشتا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، تارماق ئېقىندىكى «قىل قان تومۇر»نىڭ بۇلغىنىشى، نىڭشيا - ئىچكى موڭغۇل بۆلىكى ساھىل رايونىدىكى «قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش»، قانۇنسىز كان قېزىش، قانۇنسىز شېغىل ئېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىدى، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.

بۇ قېتىمقى جىنەن سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك كېلىشىۋالغاندەكلا خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مەسىلىسىدە توختىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت بار، تەجرىبە بار، شۇنداقلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىلەرمۇ بار، دېيىشتى.

«سۇ بىخەتەرلىكى خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى ئەڭ چوڭ <كۈل رەڭ كەركىدان>.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر ئۇزۇن ساننى مىسال كەلتۈردى: خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاران %7ىگە توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى %12 نوپۇس، %17تېرىلغۇ يەر، 50 نەچچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %80كە يېتىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقىنىڭ ئىگىلىگەن مىقدارى ئاران پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %27ىگە توغرا كېلىدۇ...

«گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس. غەربىي شىمال يېزىلىرىدا ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك سۇ قۇدۇقى قېزىلغان، سۇ ھەممە ئائىلىنىڭ جېنى، يۈزنى يۇيۇپ بولغان سۇنى، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ بولغان سۇنى يەنە داۋاملىق ئىشلىتەتتى.» ئۆز كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى ئارقىدىنلا مۇنداق دېدى: «بىز شۇ چاغدا شىمالىي شەنشىدە سۇ ئىشلەتكەندە، سۇنى ئۇسۇپ، ئالدى بىلەن بىر كۇرۇشكا سۇنى چىشىمىزنى چوتكىلاشقا تەييارلايتتۇق، ئاندىن بېشىمىزنى، يۈزىمىزنى يۇيۇپ، ئاندىن پۇتىمىزنى يۇياتتۇق. ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۈمەكنى ئاچساقلا سۇ شارقىراپ چۈشىدىغان بولدى، بەزى غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردىمۇ شۇنداق، كىشىلەرنىڭ سۇ تېجەش ئېڭى ئاستا - ئاستا سۇسلىشىپ كەتتى. سۇ بىخەتەرلىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلە، سۇ بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، سۇ كىرىزىسىنى تېخى يىراقتا دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر سۇ ئىشلىتىش پىكىر يولىنى ئۆزگەرتمىگەندە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولغىلى بولمايدۇ، ھەرقانچە كۆپ سۇ بولسىمۇ ئىشلىتىشكە يەتمەيدۇ».

سۇ بايلىقى بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «سۇ ئارقىلىق تۆتنى بېكىتىش» پىرىنسىپىنى ھەر تەرەپلىمە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شورپىغا قاراپ موما چىلاپ»، ئىنچىكە ھېساب قىلىپ سۇ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ زۆرۈر جايغا ئىشلىتىش كېرەك.

«كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ قوغداش كېرەك، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يۈكسەك مەنىۋى مەنزىلىنىڭ ئىپادىسى، بىز كوممۇنىستلارنىڭ قىلغان ئىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بولۇشى كېرەك.

يېڭى بىر يول ئېچىش

− «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش دەۋر ئېقىمىنىڭ يۈزلىنىشى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشقانلار روناق تاپىدۇ»

يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيەنى زامانىۋى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى دېلتىسىدىكى يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كەلدى. دېڭىز سۈيىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يەردىكى %80تىن ئارتۇق يەر شورلۇق يەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش ۋە ئۇرۇقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، شورلۇق يەردە مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، سورتى ياخشى بولغان شورغا چىداملىق كۆپ خىل زىرائەت ئۆسۈپ چىقتى.

يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ سورت يېتىشتۈرۈش پىكىر يولىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، يەنى شورلۇق يەرلەرنى تۈزەپ ئۆسۈملۈك تېرىشقا ماسلاشتۇرۇشتىن شورغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ شورلۇق يەرگە ماسلاشتۇرۇشقىچە بولغان جەرياننى تونۇشتۇردى.

باش شۇجى بۇنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ بىنەم دېھقانچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئوخشايدۇ، بىنەم يەرلەرنى تىزگىنلىمەستىن، بەلكى مۇۋاپىق كېلىدىغان قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈك سورتلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىز يولىنى بويلاپ بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن كۆردى. ئىككى تەرەپتىكى تەكشى كەتكەن كەڭ ئېتىزدا بېدە ياپيېشىل ئۆسكەن، لىمەي قىزارغانىدى، تيەنجىڭنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

بۇ دەل دادۇردىن ھوسۇل ئېلىنىدىغان پەسىل بولۇپ، باش شۇجى ئېتىزغا كىرىپ، بېلىنى ئېگىپ تۇرۇپ دادۇرنى ئۈزدى، پوستىنى سويۇپ ئاغزىغا سېلىپ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن: «دادۇرنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى ياخشىكەن» دېدى.

يېزا ئىگىلىك تارمىقىدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتتە 1 مىليارد 500 مىليون مو شورلۇق يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە 500 مىليون مو يەر ئېچىپ پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

«1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، 500 مىليون مو شورلۇق يەرنىمۇ تولۇق ئېچىپ پايدىلىنىش كېرەك. ئەگەر شورغا چىداملىق زىرائەت تېرىقچىلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، بۇ جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئامبىرى، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى باش شۇجى ئىلھاملاندۇرۇپ.

يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماي، سانائەتمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، خام ماتېرىيال ۋە ئۇل سانائەت بازىسى. 60 يىل ئىلگىرى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان غالىبىيەت نېفىتلىكى بايقىلىپ، يېڭى جۇڭگودىكى يەنە بىر مەيدان نېفىت ئېلىش چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى بوخەي دېڭىزى ساھىلىدا قانات يايدۇرۇلدى.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«ئەينى يىللىرى بىز نېفىت كەمچىل دۆلەت ئىدۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نېفىت ئېلىش چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى قىلىش ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزنىڭ قاتمۇقات قامال ئاستىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بىزنىڭ نېفىت ئېلىش سېپىمىزدىكىلەرنىڭ تۆھپىسى ئۇلۇغ، تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ!»

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقىچە نېفىت سانائىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى.

غالىبىيەت نېفىتلىكى چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتىدا پەن تەتقىقات خادىملىرى باش شۇجىغا ئۆزلىرى نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان سلانېتس مېيىنى چارلاش - ئېچىش تۈرى ھەمدە كاربونⅣ ئوكسىدىنى يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تونۇشتۇردى.

«يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش دەۋر ئېقىمىنىڭ يۈزلىنىشى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشقانلار روناق تاپىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ نېفىت ئېنېرگىيە كەسپىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، كېيىنكى قەدەمدە تېخنىكىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش يۆنىلىشى بويىچە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

يېڭى تېخنىكىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇڭيىڭ شەھىرى لەيجوۋۋەنگە جايلاشقان غالىبىيەت نېفىتلىكى لەيجوۋۋەن 113 - رايون بۆلىكىگە كېلىپ، تۆمۈر شوتىنى بويلاپ ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇدۇق بۇرغىلاش سۇپىسىغا چىقىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇرغىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىغا كىرىپ، مەشغۇلات قىلىۋاتقان نېفىت ئىشچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«تۆمۈر ئادەم ۋاڭ جىنشىنىڭ ئەينى چاغدا قولىغا ئالغىنى چوڭ تورمۇز دەستىسى ئىدى، ھازىرقى ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر ۋە خىزمەت شارائىتىغا قاراپ بېقىڭلار» دېدى باش شۇجى زوقلىنىپ.

دېڭىز شامىلى غۇيۇلداپ تۇراتتى، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نېفىت ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، جۇڭگو ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئېنېرگىيە تاۋىقىنى چوقۇم ئۆز قولىدا تۇتۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»

كۆڭۈل بۆلگەن بىر ئىش ئۈچۈن

− «سىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، مەن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم»

خۇاڭخې دەرياسى شەندۇڭدا ئۆركەشلەپ ئېقىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن، دەريا يولى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا بۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا قىنى يەر يۈزىدىن ئېگىز بولغاچقا، ئاسانلا مۇز تاشقىنى يۈز بېرەتتى. «ئۈچ يىل پۇل يىغىش، ئۈچ يىل سۇپىنى چىڭداش، ئۈچ يىل ئۆي سېلىش، ئۈچ يىل قەرز قايتۇرۇش»، بۇ، ئىلگىرى خۇاڭخې دەرياسى ساھىل رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسى ئىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، دۇڭيىڭ شەھىرى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى كەلكۈن سۈيى يىغىلىپ قالىدىغان رايونىدىكى ئامما دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خۇاڭخې دەرياسى چوڭ توسمىسى بويىدىكى تۆپىلىككە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 2013 - يىلىدىن باشلاپ، دۇڭيىڭ شەھىرى يەنە تۆپىلىكتىكى 66 كەنتتە تۇرالغۇلارنى چېقىپ ئۆزگەرتتى، نۆۋەتتە ئۈچ ماكانلاشتۇرۇش مەھەللىسىنى پۈتكۈزدى.

كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئۆيى، تۇرمۇش شارائىتى قانداق؟ مۇقىم كىرىمى بارمۇ - يوق؟ باش شۇجى بۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتكە يېقىن يول يۈرۈپ، ئۈچ ماكانلاشتۇرۇش مەھەللىسىنىڭ بىرى بولغان دۇڭيىڭ شەھىرىنىڭ كېنلى رايونى دۇڭجى بازىرى ياڭمياۋ مەھەللىسىگە كېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

قاتار - قاتار بىنالار رەتلىك ئىدى، سېمونت يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا يېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما پائالىيەت مەركىزى، يەسلى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، داۋالاش ئۆيى، چېنىقىش ئۆيى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى، تاللا بازىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

«ئۇل ئەسلىھەلەر ئىنتايىن تولۇق ئىكەن» دېدى باش شۇجى بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ.

مەھەللىنىڭ ياشانغانلار ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق تارتىلىپ بولۇنغانىدى: ياڭيۇ قوۋۇرغا دۈملىمىسى، بەسەي دۇفۇ شورپىسى بار بولۇپ، ئاساسىي تاماق موما ئىدى.

مەھەللە شۇجىسى جاڭ مەيرۇڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ چۈشلۈك تاماق يېسە بولىدۇ، ھەر ۋاق تاماقتا ئىككى خىل قورۇما بار، ھەر كۈنى تۈرى ئوخشىمايدۇ، بىر ۋاق تاماققا پەقەت ئون يۈەنلا ئالىمىز، تۆۋەن كاپالەتلىك، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ياشانغانلاردىن پەقەت بىر يۈەنلا ئالىمىز.

«ياڭيۇ توخۇ دۈملىمىسى، كۆك كاۋا گۆش قورۇمىسى، قوي گۆشى شورپىسى... تاماقلار ياخشى ئىكەن، ئوزۇقلۇق كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ!» دېدى باش شۇجى تامدىكى تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، يەنە مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش كېرەك.

پاخال توقۇمىچىلىقى - پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، يېكەندىن كىتاب جازىسى توقۇۋاتقان ئاھالە ليۇ ئەييىڭ باش شۇجىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ليۇ ئەييىڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكىلا بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلغا يېقىن بولغانىدى.

«بۇ كىتاب جازىسى ناھايىتى سىپتا توقۇلۇپتۇ، تولىمۇ كۆركەم چىقىپتۇ!» دەپ ماختىدى باش شۇجى.

ليۇ ئەييىڭ باش شۇجىغا بۇ ھۈنىرىگە تايىنىپ، ئايدا 1500 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ھازىر مەھەللىدىكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خىزمەتتىن غەم قىلمايدۇ، ياشلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ، ياشانغانلار يېقىن ئەتراپتا پارچە - پۇرات ئىش قىلىدۇ، قىلاي دېسە ئىش كۆپ. يەنە ئوتتۇرا ياش - ياشانغانلارغا قارىتىلغان تازىلىق، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرى بار» دەپ تولۇقلىدى بىر تەرەپتە تۇرغان جاڭ مەيرۇڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللە ئاھالىسى شۈ جيەنفېڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۈچ ياتاق، ئىككى زاللىق ئۆينى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ: «ئۆينىڭ سۈپىتى ياخشىمۇ؟» دەپ سورىدى.

«ئىنتايىن ياخشى!»

شۈ جيەنفېڭ بىر تەرەپتىن جاۋاب بەرگەچ، بىر تەرەپتىن كونا سۈرەتنى ئېلىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق كۆچۈش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: 1978 - يىلى، دادام قاتارلىق ئەينى چاغدىكى بىر ئەۋلاد دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ساھىل رايونىدىن تۆپىلىكتىكى كەنتكە كۆچۈپ كەلدى، ئۇ تۆت ئېغىز كېسەك ئۆي ئىدى؛ 2016 - يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ياردەم بېرىشى بىلەن، پەقەت 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىپلا 120 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق.

«ئاتا - ئانام دائىم مۇشۇنداق ياخشى بىنا ئۆيدە ئولتۇرالىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز، ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولدى، خۇددى چۈش كۆرگەندەكلا بولۇۋاتىمىز، دەيدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيەگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!»

مەھەللە مەيدانىدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ئاممىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن خۇاڭخې دەرياسى ساھىل رايونىدىكى كۆچۈرۈش - قۇرۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. كۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش - قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش بىر قالتىس ئىش.» باش شۇجى يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، مەن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم».

«كوممۇنىستىك پارتىيە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرىدۇ، شۇڭا بىز داۋاملىق قايسى ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەكلىكى، قايسى ئىشلارنى جەزمەن قەدەمنى تېز ئېلىپ ياخشى قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك، خۇاڭخې دەرياسىنى ياخشى تىزگىنلەش دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىش».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.