تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يولداش خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، ئۇنىڭدا بەش يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى تولۇق نامايان قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك يىغىنچاقلاندى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بولدى.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نۇرغۇن قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، بۇ، كىشىنى ئىنتايىن روھلاندۇرىدۇ، ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ، زور ئىلھاملاندۇرىدۇ، كۈچ بېغىشلايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك. مەۋقەنى ئۆز فۇنكسىيەسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسىنى توغرا تېپىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى دوكلاتنىڭ روھىغا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھى، تېخىمۇ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان خىزمەت ئىستىلى بىلەن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.