تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك

جاڭ چۇنلىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى

يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يولداش جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتنىڭ ئورنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، باش تېمىسى روشەن، ئاساسىي لىنىيەسى گەۋدىلىك بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە يۈكسەكلىككە، ئىدىيە جەھەتتە چوڭقۇرلۇققا، تەدبىر جەھەتتە سالماققا ئىگە، ئۇنىڭدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، ئۇ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، يۆنىلىش - نىشانى ئېنىق، پىكىر يولى، تەدبىرلىرى روشەن بولغان ياخشى دوكلات، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل ياخشى دوكلات، چاقىرىق كۈچى كۈچلۈك، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بولدى. ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دوكلاتتا ئاپتونوم رايوننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى ئىلمىي تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، كۈرەش نىشانى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلدى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق تونۇپ، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە، ئىلھامنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادە، جاسارەت، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى سايلاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.