تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇەن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك

لى يىفېي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇەن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يولداش لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دوكلات ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئەمەلىيەتچانلىققا، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يادرو قوغدالغان، باش تېمىسى روشەن، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلغان، چوڭقۇر كۆزىتىلگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بولدى.

لى يىفېي مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىمىز ۋە شەرەپ ھېس قىلىمىز. دوكلاتتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرىلىقى چوڭقۇر شەرھلەندى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى - ئۈمىدىگە لايىقلاشقان، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ توپلانغان قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلەنگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك؛ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور پۇرسەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، ھەر ۋاقىت سەگەكلىك ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلار، ئاممىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشى بولغاچقا، شىنجاڭ خىزمىتىدە چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

لى يىفېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بىزنى ئۈمىدكە تولدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، خەلق رايىنى كەڭ توپلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي تەلەپ، نىشان - ۋەزىپە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. باشتىن - ئاخىر «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ ئاڭلىق، تەشەببۇسكار بولۇش، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دوكلاتتا بىڭتۇەننىڭ خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان كونكرېت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بىڭتۇەن بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۇەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى بىڭتۇەننىڭ چوڭ ۋەزىيىتى دېگەندە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، «تۆت چوڭ رولى»نى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.